فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا، مەزكۇر مىنىستىرلىققا ئەزا شىركەتلەرنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسىمى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر تۈلۈك چىقىملارنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ھازىر خەلقئارا بازاردىكى رىقابەتتە ئۈستۈن بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شاڭخەي بۆلۈمىنىڭ رەئىسى نورۋەلل كونكۇللار: " ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قارىماققا تۈگىمەس، توۋەن باھالىق، مەلىكىسىز ئەمگەك بىلەن تەمىن ئېتىش ئاخىرقى چېكىگە يېتىش ئالدىدا تۇرماقتا" دېگەن.
ئۇ يەنە، ئەمگەك بازىرىدىكى چىقىملارنىڭ ئۆرلىشى پەقەت ئېكسپورت ئاساسىغا قورۇلغان ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىكەن.