خىتايدا نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى نارازىلىق نامايىشلىرى كۆتۈرۈلدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلمىغان، "ۋەتەنپەرۋەرلىك" مەزمۇن قىلىنغان مەزكۇر نامايىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان ۋە ياكى نامايىشچىلار قولغا ئېلىنمىغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نامايىش فرانسىيىنىڭ مەبلىغى بىلەن ئېچىلغان " كارېفۇر" چوڭ يېمەكلىك دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ھەم ئامېرىكىنىڭ كېنتاكىي توخۇ گۆشى يېمەكلىك دۇكىنى يېنىدا يۈز بەرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاي دۆلەت بايرىقى ۋە " كارېفۇر جۇڭگو بازىرىدىن يوقال،" كارېفۇرنى چەكلەيلى،" "جۇڭگو كوم پارتىيىسىنى قىزغىن سۆيەيلى" دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر دۇكان ئىچىدە ئىشلىگۈچىلەرنى" خائىنلار" دەپ ھاقارەت قىلغان.

نامايىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ساقچى نەق مەيداندا بولسىمۇ، بىراق پەقەت قاراپ تۇرغان ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەنە خاربىن، شىئەن، جىنەن قاتارلىق جايلاردىكى كارېفۇر دۇكىنىنىڭ ئالدىدىمۇ نامايىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، شىئەندىكى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي تەرەپ فرانسىيىنىڭ مەزكۇر كارېفۇر شىركىتىنىڭ خوجايىنىنىڭ دالاي لامانى قوللىغانلىقى ھەمدە پارىژدىكى نامايىشتا ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىشىنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ئىكەن.