سەيشەنبە كۈنى، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، " بۇ يىل بەزى يەرلىك دائىرىلەر، مەركەزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خىلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىنى رەنجىتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدا نارازىلىقلار كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان" دېيىلگەن.
خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، مەسىلىلەرنىڭ ئاز ساندىكى رايونلاردا كۆرۈلگەنلىكى، لېكىن ئەگەر بۇنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، باشقا رايونلارغا كېڭىيىپ، جىددىي ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مەزكۈر كومىتېت يەنە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.
لېكىن، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
ئۇلار، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى باياناتىنى، مەزكۇر رايونلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغانلىق پاكىتى دەپ قارىماقتا.