خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
2007.11.19
خىتاي ئاخبارات تارماقلىرى دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز يەر ئاستى بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىشنى خالىمىغان.
خىتايدىكى جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى (中国石油天然气集团公司) ۋە جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ( 中国石油化工股份有限公 ( نىڭ تارماق شىركەتلىرى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىگە جايلاشقان بىر يەر ئاستى بانكىنىڭ خېرىدارى دەپ گۇمان قىلىنىپ، بۇ دېلو بۇ يىل يازدىن بۇيان تەكشۈرۈۋاتقان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ "ئىگىلىك كۆزەتچىسى" گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇنسىز بانكا مەزكۇر نېفىت شىركەتلىرىنىڭ خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان نېفىت سودىسىنىڭ ئېلىم- بېرىمىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىكەن.
جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شېنجېن نېفىت شىركىتىدىكى جاڭ فامىلىلىك بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بۇ دېلونى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ " شىركىتىمىز، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمايدۇ" دېگەن بولسا، مەزكۇر شىركەتنىڭ يەنە بىر ليۇ فامىلىلىك ئايال خادىمى شىركەتنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە: "بىزگە بۇ ھەقتە توختىلىشقا ھوقۇق بېرىلمىدى" دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شەخسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى كىچىك كارخانىلار قانۇنسىز يەر ئاستى بانكىلار بىلەن پۇل مۇئامىلىسى قىلىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شۇنداق چوڭ شىركەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن قانۇنسىز بانكىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى تېخىچە نامەلۇم.
خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شېنجىندىكى بۇ يەر ئاستى بانكا يەتتە يىلدىن بۇيان مەزكۇر نېفىت شىركەتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا كەلگىچە، 4.3 مىليارد يۈەن خىتاي پۇلىنى بىر تەرەپ قىلغان.
خىتايدىكى بۇ ئىككى چوڭ نېفىت گۇرۇھى ھازىرغىچە، ئۇيغۇر ئىلى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ئېچىشقا ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنى تېخىمۇ كۆپ بايقاشقا ئەڭ ئالدىرىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت شىركەتلىرىدۇر. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ ھەتتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى چىقتى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۋېتسارىيە بانكىسىنى خىتاي نېفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىردى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
- خىتايدىكى ئۆسمۈر بالىلارنى سېتىش جىنايىتى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خۇا نېڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇردى
- خېنەن ئۆلكىسىدە قان سېتىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئەۋج ئالماقتا
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى بېنزىن ئېكسپورتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشى مۇمكىن
- خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىككىنچى تەبئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسىنىڭ يۈنۈلۈشىنى بەلگىلىدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيىسىدە "قارا خۇمدان" پاش قىلىندى