شىنخۇئانىڭ 20 - ئىيۇلدىكى ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن 110 مىڭدىن ئارتۇق خادىم ئىشقا سېلىنىدىكەن.
بېيجىڭ شەھەر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما سۆزىدە بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق خەۋپنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى" نى يەنە تىلغا ئالغان ھەمدە " بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مۇداپىئە كۆرۈش ئوبيېكتى شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدۇر" دېگەن.
ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ئولىمپىككە تۇيۇقسىز تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلماقچى، دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇنداق پىكىرنى 7 - ئاينىڭ بېشىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىمۇ بىر قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىنى ئولىمپىككە كېلىدىغان ئۈچ تەھدىتنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ بىر ئويدۇرما ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچ شەكىلدىكى ھەرىكەتلىرىنى قارىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاينىڭ ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ ۋە باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.