رويتېرىسنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي پەن - تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭگاڭ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىدا ھەر زامان ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئولىمپىك جەريانىدا زادى قايسى تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە " ئامالنىڭ بارىچە قويۇۋېتىمىز" دېگەن.
ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەسىلىسى ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت مۇشۇ ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئالاقىسىگە بولغان چەكلەش قىلمىشلىرى ھەققىدە توختالغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى توم كەيسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېتكە توسقۇنسىز كىرىپ، توردا بار ھەرقانداق خەۋەر - ئۇچۇرلارنى ئەركىن كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
خىتاي 2001 - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانىلىقىنى تالىشىش داۋامىدا 2008 - يىلغىچە خىتايدا ئاخبارات، سۆز - پىكىر ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىكى ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدىغان جەمئىيەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.