خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوغداش ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا سىم توساق قويغان ۋە يەر يۈزىدىن ھاۋا بوشلۇقىغا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقلا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئالتە ھەپتىلىك ھەرىكەت پىلانلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان جاي پۇتبول قاتارلىق بەش خىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان ھەشەمەتلىك ئولىمپىك مەيدانىغا 300 مېتىر يىراقلىقتا.

خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنياغا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى، ئۇيغۇرلار ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنماقتا، دەپ كېلىۋاتقان ۋە مۇسابىقىگە كېلىدىغانلارغا قارىتا ۋىزا بېرىش رەسمىيىتىنى چىڭىتقان ئىدى. ئەمما خىتاي بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارادا، خىتاينىڭ بۇ سۆزلىرى ئويدۇرما دەپ قارالماقتا.