خىتاي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىقى بىلەن خەلقئارانىڭ داۋاملىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك داۋامىدىمۇ يەنىلا ئاخباراتچىلارغا ئەركىنلىك بېرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرگە بۈگۈن ئىنكاس قايتۇردى.

بېرىتانىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئويۇشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي دائىرىلىرى،خىتايدا يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ ۋېي خىتاينى ئاقلاپ، " ئولىمپىك دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان نەزەر دائىرىسىنى ئاچتى. لېكىن جۇڭگودا بۇنىڭ بىلەن قالايمىقانچىلىق پەيدا بولسا بولمايدۇ. ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتە بىز جۇڭگوغا زىيانلىق بولغان ئىشلارغىمۇ يول قويۇشقا ۋەدە بەرمىگەن. لېكىن بىز ئولىمپىك ئارقىلىق دۇنيانىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدۇق،" دېگەن سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئولىمپىك ئۈچۈنلا ئۆزگىرىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقوقىغا ئىگە بولغاندا، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئاياغلاشقان ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىغاندا، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يول قويماسلىقتەك بۇ مەسىلە، خىتايدا ئولىمپىك ئاخىرلاشقانغا قەدەر ھەل بولماسلىقى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇنلا ئەنگىلىيىنىڭ بىر مۇستەقىل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لېيى، تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭدىكى نامايىشىنى سۈرەتكە ئالغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، قويۇپ بېرىلگەن.