پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر قۇرۇلۇشنى زىممىسىگە ئېلىشنى تالىشىشتا خىتاي ئۇنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىقتىسادىي پائالىيەت بانكىسى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادى چىقىمىنى تۆلەش، بىراق خىتاينىڭ مەلۇم بىر دۆلەتلىك بانكىسى تەرىپىدىن قايتىدىن باھالىنىپ، خىتاي تەرەپ 20 يىللىق مۆھلەت بىلەن 44 مىليون دوللار زايوم بېرىپ تۇرۇش بەلگىلەنگەن.
مەزكۇر سۇ تۇرۇبىسى پىلانى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجان، مارغىلان قاتارلىق ۋىلايەتلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنىڭ بىر قىسىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، نۆۋەتتە، سۇ قىسلىقى مەركىزىي ئاسىيا جۈملىدىن ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم تېمىسى بولۇپ قالغان.
ئۆزبېكىستاننى كېسىدىغان ئامۇ ۋە سىر دەرياسىنىڭ سۇلىرىمۇ ئازلاشقا، كۆپلىگەن جايلار قۇرۇشقا يۈزلەنگەن، ئەنە شۇ سەۋەبتىن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكتە سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرىلىرى ئېلىپ بارماقتا. پەرغانە ۋادىسى بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاھالە ئەڭ زىچ جايلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، ئۆزبېكىستان گازىنى خىتايغا توشۇش كېلىشىمىمۇ ھاسىل قىلغان.