سۆزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، كېلەر ئاي تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، ئۆز - ئارا سىياسىي ئۇچرىشىشلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، ئەزا دۆلەتلەر بولۇپمۇ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلسىدە مەۋجۇت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك دەپ، كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتكەن ياڭ جېچى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىشلەشكە تەييار، دېگەن.