خىتاي تىبەت - چىڭخەي تۆمۈر يولىنى نېپالغا تۇتاشتۇرىدۇ

بىر نەپەر نېپالنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينىڭ تىبەت - چىڭخەي تۆمۈر يولىنى نېپالغا تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر نېپاللىق ئەمەلدارغا بۇ خەۋەرنى جۈمە كۈنى خىتاي تەرەپ ئۇقتۇرغان بولۇپ، خىتاي بەش يىل ئىچىدە تۆمۈر يولنى نېپالغا تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى ئورۇنداپ بولىدىكەن. بۇ تۆمۈر يول تىبەت مەركىزى لخاسادىن ئۆتۈپ، نېپال پايتەختى كاتماندۇدىن 80 كىلومېتىر كېلىدىغان چېگرا شەھىرى كاساغا تۇتاشتۇرىلىدىكەن.

ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشسا، بۇ نېپالنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا - ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، نېپالنىڭ ھىندىستانغا تايىنىپ قېلىشىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر نېپالغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان تۆمۈر يولنىڭ خىتاي ئۈچۈن زور ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بارلىقى، بۇنىڭ ھەربىي كۈچى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ھىندىستان ھەمدە تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ھەربىي قوشۇن ۋە خام ئەشيالارنى يۆتكەشتىكى مۇھىم قاتناش ۋاسىتىسى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

يېقىندا نېپالدا ماۋچىلار دەپ ئاتالغان خىتاي كوم پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلغان كوممۇنىستلار ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، ھاكىمىيەت باشقۇرۇشقا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ماۋچىلار خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش تەرەپدارلىرىدۇر.