خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىدىن بوشىتىلغان ئۇيغۇرلارنى يەنە نازارەت ئاستىغا ئالماقچى

بېيجىڭ ئولىمپىكى يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي تەقىب قىلىش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تارقاتقان ئىچكى ماتېرىياللاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۈرمىدىن بوشىتىلغان ئۇيغۇرلار يەنە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.07

دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدلىيە مەھكىمىسى بۇ يىل 5 - ئايدا ئىچكى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، 1990 - ئىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورۇنلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ نېمە ئوي بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە تىزىملاش خىزمىتىنى باشلىغان.

دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن ماتېرىيالدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى تارقاتقان "2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمەت پىلانى" نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدلىيە مەھكىمىسى، ئوبلاست تەۋەسىدىكى بارلىق شەھەر ۋە ناھىيىلەردە 35 كۈنلۈك، 1990 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە ئارىلىقتا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە تىزىملاش خىزمىتىنى باشلاتقان.

ئىچكى ھۆججەتنىڭ ئۈچىنچى تارمىقىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەمدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ غوللۇق ئۇنسۇرلىرى، تېررورچى، زوراۋان جىنايەتچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ، خەتەرلىك مەھبۇس، ئۈچ خىل ئۇنسۇر جىنايىتى بار كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاساسلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرىدا سانالغان ئۇنسۇرلارغا ئايرىم تىزىملاش خاتىرىسى تۇتۇپ، يۇقىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئالاھىدە تاپشۇرۇش."

مەزكۇر ئىچكى ماتېرىيال ھەققىدە توختالغان دىلشات رىشىت، بۇ خىلدىكى ھۆججەت ئاپتونوم رايون بۇيىچە ئورتاق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئوز ئەھۋالىغا قاراپ ھەر خىل شەكىلدە يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

دىلشات رىشىت، "ئەسلىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بۇ ئاتالمىش مەھبۇسلار ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىنلىكىدىن يەنە بىر قېتىم مەھرۇم قالدۇرۇلماسلىقى كېرەك" دېدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جىددىي ئېتىبار بېرىشكە چاقىردى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.