'جۇڭگودا دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىش كېرەكمۇ؟'

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىنتايىن يېقىملىق ئاۋاز ۋە ئوماق بەدەن ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ ۋەتەن ھەققىدە ناخشا ئېيتقان لىن مياۋ ئىسىملىك بىر كىچىك ناخشا چولپىنى دۇنياغا تونۇلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇراسىمدىن كېيىن خىتايدىكى تور بەتلىرى ۋەتەن ھەققىدىكى بۇ ناخشىنى ئىنتايىن يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ئېيتقان لىن مياۋ ئەمەس، بەلكى ياڭ پېييى ئىسىملىك يەتتە ياشلىق باشقا بىر قىزچاق ئىكەنلىكىنى، ئۇ پەقەت چىرايلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا سەھنىگە چىقىرىلمىغانلىقىنى پاش قىلدى.

ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ساليوت ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن 29 پۇت ئىزىمۇ نەق مەيداندىن ئېلىنمىغان، بەلكى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئالدىن تەييارلاپ چىقىلغان كارتۇن ئىكەنلىكى ھازىر ئاشكارىلاندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى تور بەتلىرىدە 'جۇڭگودا دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىش كېرەكمۇ؟' دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇ ھەقتە بەس ‏ - مۇنازىرە باشلاندى.