خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەر زور دەرىجىدە بۇلغاندى


2007.04.24

ھازىر خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بۇلغىنىش دەرىجىسى يىلدىن ‏- يىلغا ئىزچىل ھالدا ئۆرلەپ ماڭغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرلەر تەخمىنەن 150 مىليون موغا يەتكەن بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەرنىڭ 10 دىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان. پەرەزلەرگە قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ئېغىر مىتال تۈپەيلى بۇلغانغان ئاشلىقنىڭ ئۆزى 12 مىليون توننا بولۇپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 20 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا بۇلغانغان تۇپراق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زەھەرلىك ماددىلار مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ئۇنى ئىستىمال قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا، تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، خەلقنىڭ تەن- سالامەتلىكىگە زور زىيان ئېلىپ كەلگەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، 90 ‏- يىللاردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە،خىتاي تەخمىنەن 15 مىليون گېكتاردىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلغان. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب:خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە شەھەرلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەنلىكتىن ئىكەن.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرمۇ يىلدىن -يىلغا ئازايغان ۋە بۇلغانغان. يېقىندا،رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر مەزكۇر جايدا، كۆچمەن خىتايلارنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا، ئۆز تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. (مىھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.