ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىشىچە، توقۇنۇشقا سەۋەب بولغان ئامىل جامائەت خەۋپسىزلىك ئورنىنىڭ بىر قىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئادىل بولمىغانلىق بىلەن كېلىپ چىققان ئىكەن.
شەنبە كۈنى كەچتە گۇيجونىڭ مەركىزى گۇيياڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ۋېنئان شەھىرىدە كېلىپ چىققان بۇ توقۇنۇشتا نارازى بولغان پۇقرالار جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىناسىغا ئوت قويۇۋەتكەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، گۇيجونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 1500 نەپەر ساقچى يۆتكەپ كېلىنىپ، نامايىشچىلارنى بېسىقتۇرغان بولۇپ، توقۇنۇش جەريانىدا ئون مىڭ ئەتراپىدا نامايىشچى پۇقرا جامائەت خەۋپسىزلىك بىناسىنى قورشىۋالغان.
جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىگىلىشىچە، ساقچى ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئاپتوموبىل كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بىر نامايىشچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، 150 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. يەكشەنبە كۈنى ۋەزىيەت تىنچلاندۇرۇلغان. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 16 ياشلىق بىر قىز ئۈچ نەپەر ياش تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلىپ، باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغان ھەمدە ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
قاتىللارنىڭ ئىككىسى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ۋەقە پۇقرالارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىكەن.
ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە رەسمىي ئۇچۇر تارقاتمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەكشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋېنئان ناھىيىسىدە ئۇرۇپ چېقىش ۋەقەسىنىڭ تىنچلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە قىسقا خەۋەر تارقىتىپ، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىگىلەپ، سىرتقا تارقاتقان.