جۇڭگو گېزىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 10 يىلدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتى 20 ئۆلكىدىكى 39 مىليون كىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇنىڭدىن بىۋاستە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 26مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
خىتاي ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ شىمالىدىكى خۇاڭخې دەرياسىدىمۇ غايەت زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، 10 يىلدىن بۇيان تېنچ تۇرغان مەزكۈر دەريا نۆۋەتتە ھاۋا رايى مۈتەخەسسسلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئىككىنچى چوڭ دەريا ھېسابلانغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تارىختىن بۇيان مەيدانغا كەلتۈرگەن ئاپەتلىرىنىڭ سانى يوق ئىكەن.
جەنۇبتىكى 12 ئۆلكە ۋە رايونلاردا 6 - ، 7 - ئايلاردىن بۇيان توختىماستىن ياققان يامغۇر، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى يامغۇر ئاپىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.