خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، فۇجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، 26 - ئىيۇل كۈنى بىر كىشى، فۇجۇ ساقچى دائىرىلىرىگە 949 يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا بومبا ئورنىتىلغانلىقى ھەققىدە سۆز ئاڭلىغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ساقچى ھەرىكەت قىسىملىرى ھەم قوراللىق قىسىملار دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن.
پارتلىتىش بومبىسى قويۇلغان دەپ گۇمانلانغان ئاپتوبۇستىن بومبا چىقمىغاندىن كېيىن،ساقچىلار دائىرىلەرنى ھەم ئاممىنى ئاپتوبۇس پارتلاش ئىغۋاسى تارقىتىپ ساراسىمىگە سالغان چېن فامىلىلىك كىشىنى بىر قانچە سائەت ئىچىدە قولغا ئالغان.
سوراق جەريانىدا بۇ ئىغۋا تارقاتقۇچىنىڭ ساقچىلارغا ئىقرار قىلىشىچە، 26 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن چېن 949 يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرماقچى بولغان ، ئاپتوبۇسقا چىقىش جەريانىدا ئاپتوبۇس ئۇنىڭ پۇتىنى قىسىۋالغان، بۇنى ئاپتوبۇس شوپۇرىدىن كۆرگەن چىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، ئاپتوبۇس شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ئاپتوبۇسقا پارتلىتىش بومبىسى قويۇلغانلىقى ھەققىدە يالغان خەۋەر بەرگەن ئىكەن.
يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، كۈنمىڭ شەھىرى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنىڭ، پىلانلىق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېررورچىلىق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما بۇ ۋەقە ئوخشاشلا خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى بىر مەزگىل جىددىيلەشتۈرگەن.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكى داۋامىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 20 - ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى 129 قاتناش لىنىيىسىدە قاتنايدىغان جەمئىي 3700 ئاپتوبۇس ئۈستىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.