خىتاي ساقچىلىرى راھىبە شى مياجۆ بىلەن ئەيدىز پائالىيەتچىسى لى شىگېلارنى قولغا ئالدى

1 ‏ - ماي كۈنى ئەتتىگەن سائەت 3 دە خېنەن ئۆلكىسى نىڭلىڭ ناھىيىسىگە ئەيدىز بىمارلىرىنى يوقلىغىلى چىققان، بۇددا راھىبەسى شى مىياجۆ ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى لى شىگېلار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ قاماققا تاشلانغان.

ئىستانسىمىز مۇخبىرى، 5 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى سەھەر 3 تە، خېنەن ئۆلكىسى نىڭلىڭ ناھىيىسىدىكى 10 نەچچە ساقچىنىڭ تۇيۇقسىز لى شىگېنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ بېرىپ، ئولىمپىك جەريانىدا ئېقىپ يۈرگەن نوپۇسلارنى تەكشۈرۈش دېگەن باھانىدا، لى شىگې ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكى راھىبە شى مياجۆنى تۇتۇپ كەتكەن.

ئىستانسىمىز مۇخبىرى نىڭلىڭ ناھىيىسى ساقچى پونكىتىغا تېلېفۇن ئۇرغاندا، راھىبە مىياجۆ تېلېفۇننىڭ بىر مۇخبىر تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ۋاقىراپ تۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى سەھەردە تۇتۇپ كېلىپ، 7 - 8 سائەتكىچە سوراققا تارتقانلىقىنى، ئۇلارنى ئۇخلاتماي ۋە توختىماستىن سىن ئالغۇ ئاپاراتىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇ يەنە، ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى قولغا ئېلىشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، راھىبە مىيا جۆ يېقىندا نىڭلىڭ ناھىيىسىگە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئائىللىرىگە، ياردەم سۈيەر كىشىلەر تەرىپىدىن توپلانغان دورا ۋە سوغىلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى تەخمىنەن 10 نەپەر ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزلىرىگە ئائىت سوغا ۋە دورىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.