ۋېڭئەندىكى ئاممىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى باستۇرۇلدى

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى،گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش سېكرىتارى شىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ " ئاممىنىڭ بىزگە نارازىلىقى بار" دېگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

7 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى، خىتايدا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئەدلىيە ۋە ھەربىي ئورگانلىرى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 87 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى. بۇ دەل گۈيجۇ ئۆلكىسى ۋېڭئەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاممىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يېڭى باستۇرۇلغان پەيتكە توغرا كەلدى.

ئىستانسىمىز ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ۋېڭئەن ناھىيىسىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆلتۈرۈلۈپ ئېرىققا تاشلىۋېتىلگەن. ساقچىلار ئۆلگۈچىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، دېلونى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان، قىزنىڭ ئاتا ‏ - ئانىسى ۋە ساۋاقداشلىرىنى ئۇرغان. نەتىجىدە ئاممىنىڭ نارازىلىقى مەيدانغا كېلىپ، نەچچە مىڭلىغان كىشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى قورشاۋغا ئالغان ۋە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئوت قويغان.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، جىنايەت سادىر قىلغان گۇماندارنىڭ يېقىن تۇغقىنى ۋېڭئەن ناھىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئىكەن.

جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق قىسىم باش قوماندانى ھەمدە نەچچە ئون مىڭلىغان قوراللىق ھەربىينى ئىشقا سېلىپ، نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان.

ساقچى دائىرىلىرى، ئاممىنىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن دېلونى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.