سابىق شاڭخەي پارتكوم سېكرىتارى 18 يىللىق كېسىلدى

تيەنجىن شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا سوت سابىق شاڭخەي شەھىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى چېن لياڭيۈنى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سوت چېن لياڭيۈنىڭ 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بايلىقىنى مۇسادىرە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا يېيىش دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتقان.

سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، ئومۇمنىڭ مۈلكى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان كەلتۈرگەنلىكى، بىراق، ئۇنىڭ جىنايىتىدىن پۇشايمان قىلىپ، بارلىق ئىگە بولغان نەق پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن يېنىكلىتىپ جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر سابىق شاڭخەي پارتكوم سېكرىتارىنىڭ ئالغان پۇلى 2مىليون 400 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ، ئىنىسى چېن لياڭجۈننىڭ قانۇنسىز ھالدا 600 مو يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلغان. بىراق، چېن لياڭيۈ سوتتا ئۆزىگە ئارتىلغان بەزى جىنايەتلەرنى قىسمەن ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنى بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلمىغان.

2006 - يىلى چېن لياڭيۈگە مۇناسىۋەتلىك بولغان شاڭخەي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دېلوسىغا يەنە 20 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە سودا - سانائەتچىنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 7 - ئاپرىل كۈنى جىلىن ئۆلكىسى سۇڭيۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى شاڭخەي ئىجتىمائىي - سۇغۇرتا دېلوسىدىكى ئاچقۇچلۇق شەخسلەردىن جاڭ فامىلىلىك بىرىگە 19 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى بايلىقىنى مۇسادىرە قىلغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك كۆزەتكۈچىلىرى چېن لياڭيۈ مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى جياڭ زېمىن باشلىق شاڭخەي گۇرۇھىغا قارشى ھەرىكەتلەر، جۈملىدىن رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىچكى كۈرەشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.