خىتايدا تارقىلىشقا باشلىغان ئەجەللىك بالىلار ۋىرۇسىدا ئونلىغان بوۋاق قازا قىلدى

بۇ يىل مارتنىڭ باشلىرىدىن بۇيان خىتايدا تارقىلىشقا باشلىغان ئەجەللىك بالىلار ۋىرۇسىدا بۈگۈنگە قەدەر نەچچە مىڭ بوۋاق ۋە ئۆسمۈر يۇقۇملانغان بولۇپ، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئونلىغان بوۋاق مەزكۇر ۋىرۇستا قازا قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.05

 گەرچە ھازىرغا قەدەر بەش مىڭ نەپەر بالىنىڭ EV71 تىپلىق ئېنتېروۋىرۇس دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچەي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئاۋازىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق تارمىقى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنىڭ دوكلات قىلىنغاندىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دوختۇر ھانس تروئېدسون، خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ دائىم تۆۋەنلىتىپ دوكلات قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئېنتېروۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ بىمارنى دوختۇرغا كۆرسەتمەسلىكى سەۋەبىدىنمۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش كۆلىمىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋىرۇستا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 24 بوۋاق ئۆلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 22 نەپىرى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فۇياڭ شەھىرىدە، قالغان ئىككى نەپىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قازا قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ، بۇ ۋىرۇسقا ئالاقىدار پۇت - قول، ئېغىز كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خىتاينىڭ ئەنخۇي، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە كۆرۈلگەن بولۇپ ھازىر خىتاي مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاگاھ بولۇش ھالىتىگە ئۆتكەن.

ھالبۇكى ، ئېنتېروۋىرۇس خىتاينىڭ ئەنخۇي، جېجياڭ ئۆلكىلىرىگە كەڭ تارالغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقالغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.