خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ نامايىشقا 17 ئادەم قاتناشقان، 15 مىنۇت داۋام قىلغان. نامايىشتا 'شەرقىي دېڭىز جۇڭگوغا تەۋە'، 'دياۋيۈتەي ئارىلى جۇڭگوغا تەۋە' دەپ شۇئار توۋلانغان. 17 نەپەر نامايىشچىنى 100 دىن ئارتۇق ساقچى مۇھاپىزەت قىلغان. مۇخبىرلارنىڭ ئۇلارنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن.
مەزمۇنى خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار بولغان بۇ نامايىشتا تىلغا ئېلىنغان ئارالنىڭ ئورنى ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلى بىلەن تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا. ئۇنى ياپونلار سەنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتايدۇ ۋە بۇ ئاراللارغا 1895 - يىلىدىن باشلاپ ئىگىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولسا، ئامېرىكا 1972 - يىلى بۇ ئارالنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. يېقىندا بۇ ئارالنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان تەيۋەن ئارال قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىر كېمىسىنى ياپونىيە تەرەپ چۆكتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
