يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 50 دىن ئاشتى، خىتاي خەلقئاراغا چېدىر ياردەم قىلىش چاقىرىقى چىقاردى

ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ 80 مىڭغا يېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 50 مىڭدىن ئاشقانلىقى، ئىز دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ بولسا ئاز كەم 30 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆي - ماكانسىز قالغان 5 مىليون 200 مىڭ كىشىنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، 3 مىليون 300 مىڭ چېدىر ۋە تۇرالغۇغا جىددىي ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا " بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونى چېدىر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەيدۇ. چىن گاڭ، ھازىرغا قەدەر ئاران 150 مىڭ چېدىر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئېھتىياج بولغان چېدىردىن كۆپ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننىڭ قۇتقۇزۇش ۋە ئاساسى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا 13 مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

خىتاي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى 8 ‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنىگە قەدەر ئاپەت رايونىدىكىلەرگە يېنىك ماتېرىياللاردا ياسالغان بىر مىليون ئۆي تەييار قىلىشنى بۇيرۇغان.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ئاپەت رايونىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. سىچۈەن سەھىيە نازارىتىنىڭ لى پەمىلىلىك بىر ئەمەلدارى، رايوندا سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە خىتايغا 130 مىڭ كىشىلىك تىببىي ۋە ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمى يوللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.