خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلاردىن بىرى بولغان مىيەنياڭ شەھىرىدىلا ئۆلگەنلەر سانى 7 مىڭدىن ئاشقان، 13 - ماي كۈنى كەچ سائەت 7 گە قەدەر، يەر تەۋرەش ئاپىتى سىچۈەن، گەنسۇ، شەنشى، چۇڭچىڭ، يۈننەن، شەنشى، گۈيجۇ، خۇبېي قاتارلىق 8 ئۆلكە - شەھەرگىچە كېڭەيگەن، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي سانى 500 مىڭغا يەتكەن.
خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ياردەملىرىدىن سىرت، ئامېرىكا ئاپەت رايونىغا 500 مىڭ دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، تەيۋەن تەرەپمۇ ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، ئاپەت يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى رايونغا زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 نەپەر ئەنگلىيىلىك ساياھەتچىنىڭ ھايات ۋە ياكى ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر يوق ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئومۇمىي ئادەم سانى 12 مىڭدىن ئاشىدۇ.