خىتاي ياشلار گېزىتى سەيشەنبە كۈنى، ئەنخۈي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، رايوندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھازىرغىچە، ئەڭ ئاز دېگەندە 20 كىچىك بالىنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە 1500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر يۇقۇملۇق ۋىرۇسنى ئاممىدىن يوشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئى ۋ 71 ناملىق مەزكۇر ۋىرۇس مارت ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ فۇياڭ شەھىرىدە تارقىلىشقا باشلىغان. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر بۇنداق بىر ۋىرۇسنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس يەنە باشقا رايونلارغا تارتىلىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ۋىرۇسقا قارشى تېخى ھېچقانداق ۋاكسىنا يوق ئىكەن.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئەنخۈي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، بۇنداق خەتەرلىك ۋە يۇقۇملۇق بىر ۋىرۇسنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى 40 كۈنگىچە ئاممىدىن يوشۇرغانلىقى، خىتاي مەتبۇئاتىدا قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا.