خىتايدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلار 50 مىڭغا يېتىشى مۈمكىن

خىتاي دائىرىلىرى سىچۈەننى مەركەز قىلغان خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى پەيشەنبە كۈنى ئاز كەم 20 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، لېكىن ئىز دېرەكسىز يوقالغانلارنى قوشقاندا بۇ ساننىڭ 50 مىڭغا يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ يەر تەۋرەش ۋە تەبئىي ئاپەتلەر قۇتقۇزۇش باش قارارگاھى، پەيشەنبە كۈنگە قەدەر يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19 مىڭ 500 گە يەتكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرماقتا. دائىرىلەر خىتاي پۇقرالارغا بولقا، گۈرجەك، چېقىش قوراللىرى ۋە رېزىنكە ئۆتۈككە ئوخشاش نەرسە - كېرەكلەرنى ئىئانە قىلىش چاقىرىقى چىقاردى. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلنىڭ ياردىمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر چەتئەل قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغان ئىدى.

ئەمما پەيشەنبە بۇ سىياسەتنى بىر ئاز بوشاشتۇرۇپ، ياپونىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى. لېكىن جەنۇبىي كورىيە ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىش تەلىپىنى رەت قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەنگىلىيىنىڭ بىر ياردەم گۇرۇپپىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بېرىشىنى كۈتۈپ ياتماقتا ئىكەن.