خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ سىچۈەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېلىشىگە قوشۇلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىدىغان بۇيۇملارنى توشۇش ئۈچۈن، ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا جۇڭگو رايونلىرىغا كىرىشىگە قوشۇلغان.

بۇ، ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتايغا كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە مۇداپىئە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نوبۇتاكا ماكىمۇرانىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيىنىڭ ھەربىي ئايرۇپىلانلىرى ھازىر ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا چېدىر ۋە باشقا كېرەكلىك ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى ھازىر 68 مىڭ 109 غا يەتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاينىڭ ھەربىي سانائەت بازىلىرى جايلاشقان ميەنياڭ رايونىدىن 160 مىڭ ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىدى.

بۇ رايوندا يەنە تاشقىن ئاپىتى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان كۆللەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 27 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىچۈەندە يەر تەۋرەشتىن كېيىن 34 كۆل ھاسىل بولغان، بۇنىڭ 28 ىنىڭ تاشقىن پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.