يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ‏ - ئانىلىرى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە دۇجاڭ شەھىرىدىكى يەنجۈيۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىسى ۋە ئىشچى‏ - خىزمەتچىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئوخشاشلا ئاپەتتە شىفاڭ شەھىرى چەندى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئۆلگەن ئىدى.

ئىستانسىمىز پەيشەنبە كۈنى ئاپەتتە قازا قىلغان چەندى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا ‏ - ئانىلىرىنىڭ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئىككى كۈن نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغانلىقىدىن خەۋەردار بولدى.

نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن تۈپ سەۋەبنىڭ، يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان سۈپەتسىز قۇرۇلۇش تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاتا ‏ - ئانىلار، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئوقۇتۇش بىناسى ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى، شۇڭا دەرھال جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قولغا ئېلىپ ئاندىن ئاتا - ئانىلارغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئاتا- ئانىلارنىڭ بىر مۇددەت كۈتۈپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

پەرزەنتىدىن ئايرىلغان بىر ئاتا ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر ھۆكۈمەت تەرەپ مۇشۇ ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنىگە قەدەر ئۆزلىرىگە ئېنىق جاۋاب بەرمىسە، بارلىق ئاتا ‏ - ئانىلارنىڭ باشقىچە بىر ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرى بۈگۈن، يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 70 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.