خىتايدا يەر تەۋرەشتە يېتىم بولۇپ قالغان 80 نەچچە بالىنى بېقىۋالىدىغان ئادەم چىقمىدى
بۇ يىل مايدا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 88 بالا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم بولۇپ قالغان بولۇپ، روېيتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ئارىدىن 4 ئايدەك ۋاقت ئۆتكىنىگە قارىماي، بۇ 88 نەپەر بالىنىڭ پەقەت ئىككىسىلا باشقىلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قالغان 86 نەپەر ئۆسمۈرنى بېقىۋالىدىغان ئادەم چىقمىغان.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-09-08 -
-
-
خەۋەردە خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشتە، بۇ يېتىملەرنى بېقىۋالىدىغان ئادەم چىقماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەر تەۋرەشتە مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىدا ئىكەن.
بۇ يىل 12 - ماي خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ۋە بەزى قوشنا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 90 مىڭ يېقىن ئادەم ئۆلگەن ۋە يۈزلىگەن بالا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 532 نەپەر بالىنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ياكى بوۋا - مومىلىرى ئېلىپ كېتىشكەن.
بۇ نۆۋەت بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى 10 ۋە 13 ياشلىق ئوغۇل بالا.