خىتايدا زەھەرلىك سۈت پاراشوگىدا ئۆلگەنلەر سانى، كېسەللەنگەنلەر سانى 6244 كە يەتكەن

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى زەھەرلىك سۈت پاراشوگىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 2، كېسەللەنگۈچىلەر سانىنىڭ 1253 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مىنىستىرلىق بۈگۈنكى باياناتىدا، ئۆلگۈچىنىڭ 3كە، زەھەرلەنگۈچىنىڭ 6244 كە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.09.17

 سەھىيە مىنىستىرى Chen Zhu نىڭ بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سۈت پاراشوكى فابرىكىلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقارغان يەنە باشقا فابرىكىلارنىمۇ بايقىغان. مىنىستىر سۆزىدە زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنىڭ بازاردا كەڭ تارقالغانلىقىنى، زەھەرلەنگۈچىلەر سانىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەنە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوگىدا زەھەرلەنگەن بالىلاردىن 31 ى بايقالغان.

نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى دېلوسىغا چېتىشلىق بىر قىسىم كەسپىي ۋە مەمۇرى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئەندىشە ۋە نارازىلىقىنى پەسەيتەلمىدى. خىتايچە ب ب س تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ئامما، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ سۈت پاراشوكى مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.