خىتايدا قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن يەنە بىر كىشى قازا قىلدى


2005.12.29

خىتاي ھۆكۈمىتى 28‏-دېكابىر كۈنى خىتايدا يەنە بىر كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرىدە جۇ فامىلىلىك 41 ياشتىكى بىر ئايال ئىشچى قۇش زۇكىمى كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەن. بۇ خىتايدا قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن 7‏-ئادەم ئىكەن.

8‏-دېكابىر كۈنى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان جۇ، 21‏-دېكابىر كۈنى ئۆلگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردە ئۇنىڭ قۇش زۇكىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانمىغان. ئەمما كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردە ئۇنىڭدا قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ بارلىقى بايقالغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىلەر دەرھال تىببى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن ئۇلاردا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالمىغان. خەۋەردە جۇنىڭ بۇ كېسەللىكنى قانداق يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېيىلمىگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25‏- دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دېھقانچىلىق ئۇسۇللىرىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.