«ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت» ھەرىكىتى دىققەت تارتماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.01.28
xitayda-virus-lager-endishe-1.jpg «ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت» ھەرىكىتىنىڭ خەشتەگ سۈرىتى.
Social Media

ۋۇخەن ۋىرۇسى نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى بولماقتا. پۈتكۈل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەركىزى دىققەت نۇقتىسىمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ خەلقئارادىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە مەركەزلەشتى.

پۈتۈن دۇنيا خىتايدىن تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى، يەنى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە لاگېر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى ئەڭ ئاۋۋال ئەندىشىگە سالغان مەسىلە يەنىلا بۇ ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ قېلىش خەۋپىدۇر.

بەزى ئۇيغۇرلار. مۇبادا ۋۇخەن ۋىرۇسى، ئادەم زىچ، كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش شەرت-شارائىتىدىن مەھرۇم قالغان، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىغان مىليونلىغان ئىنسانلار سولانغان لاگېرلارغا تارقىلىپ قالسا، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ھەتتا ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئەڭ يېقىندا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن شاھىت ھېسابلىنىدىغان تۇرسۇنئاي باھاۋۇدىن خانىم مەخسۇس رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋىرۇس ئۇيغۇر دىيارىغا كەپتۇ دېگەننى ئاڭلىغاندىن بۇيان چوڭقۇر ئەندىشىگە پاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى مەزكۇر يەرشارى خاراكتېرلىك جىددىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە مەركەزلىشىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئەمدى يەنە دۇنيانىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالارمۇ؟، نۇرغۇن بەدەل ۋە تىرىشچانلىقلار بىلەن دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتقان لاگېر مەسىلىسى يەنە ئۇنتۇلۇپ كېتەرمۇ ؟ دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما يېقىنقى ئىككى كۈندە، ئامېرىكىدىكى ياش پائالىيەتچى بەھرام سىنتاشنىڭ خەشتەگنى ۋاسىتە قىلىپ لايىھەلىگەن «ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت» ناملىق يەنە بىر يېڭى خەشتەگ ھەرىكىتى قايتىدىن بەلگىلىك دىققەت تارتقاندىن سىرت بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىندى.

ۋوكس تورىدا بۇ ھەقتە 28-يانۋار «بۇ بىر چوڭ ئاپەت بولۇشى مۇمكىن»، «كورونا ۋىرۇسى جازا لاگېرلىرىغا تارقالغان تەقدىردە نېمىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؟» دېگەن تېمىدا قوش ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئاندىرىئان زەنىزكە ئوخشاش خەلقئارادا نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن تارتىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 1 مىليوندىن كۆپ ئىنسانلار سولانغان جازا لاگېرلىرى بولغان ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىشىنىڭ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى «ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت» ناملىق خەشتەگ ئارقىلىق ئىپادە قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

«ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت» ناملىق خەشتەگ ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى بەھرام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «مېنىڭ دادام ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇ لاگېرلاردا، ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن ھەممىمىز ئوخشاشلا لاگېردىكىلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېڭىدىن ياساپ چىققان ‹ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت› ھەرىكىتى ئارقىلىق جامائەت ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن لاگېر مەسىلىسىگە ئېلىپ كېلىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ قېتىشنى مەقسەت قىلدۇق» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش بۇنىڭدىن ئىلگىرى «90 پىرسەنتنى ئىسپاتلا!»، «تېخىچە ئۇچۇر يوق» ناملىق تور چاقىرىقىنى لايىھەلەپ خاس تۋىئىتتىر ھېسابلىرىدا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان بۇ خەشتەگ ھەرىكەتلىرىمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، كەڭرى تارقالدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى خەشتەگ ھەرىكەتلىرىمۇ لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىنىشىغا بەلگىلىك تۈرتكە بولماقتا.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ لاگېردىكىلەرگە ئېلىپ كەلگۈسى تەھدىتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئورتاق ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە بولغاندىن سىرت ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي شەكىللەردە بۇ خىلدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 27-يانۋار بۇ ھەقتە «ۋىرۇس تارقالغاندا ئەڭ ئاسان ھۇجۇم نىشانى لاگېرلاردىكىلەر بولىدۇ» تېمىسىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردىكى بىگۇناھ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ يەنىمۇ جىددىي خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سولىغان لاگېرلارغا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا، بۇ يەردە يۈز بەرگۈسى پاجىئەگە جاۋابكار بولىدۇ» دەپ جىددىي ئاگاھلاندۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ مەسىلىدە، ئىنساننىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدىغان بىر نۇقتا بار، مەسىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندا، خىتاي باشقا جايلارغا بارىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئەپسۇسكى ۋۇخەندىن شەرقىي تۈركىستانغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارغا نىسبەتەن چەكلەش تەدبىرى قوللانمىغان. بۇمۇ تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ دىققەت ئېتىبارى ۋە غەزىپىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز دۇنيا سەھىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئەگەر بۇ ۋىرۇس لاگېرلارغا تارقىلىپ قالسا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور بىر ئىنسانلىق تراگېدىيەسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىمىز». دېدى.

23-يانۋار ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ بايقالغانلىقى دەسلەپ ئاشكارىلانغاندىن بۇيانقى قىسقا مۇددەت ئىچىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمدار سانىنىڭ جىددىي ئارتقانلىقى مەلۇم. يەنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 28-يانۋار تارقاتقان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارلىرىدىن 10نىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.