د ئۇ ق يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 28-ئىيۇل، يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق ئېلان قىلدى ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى.

چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «ﺋﻪﺯﯨﺰ قېرىنداشلار، مۇستەبىت ﺧﯩﺘﺎﻱ ھاكىمىيىتىنىڭ 2014-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-كۈنى يەركەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىنى مەركەز ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھالدا ئېلىپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 9-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮە كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە. ﺑﯘ مۇناسىۋەت ﺑﯩﻠﻪﻥ د ئۇ ق ﭼﻪت ئەللەرﺩﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ، سىياسىي ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ 28-ﺋﯩﻴﯘﻝ يەكەن ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 9 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ مۇناسىۋىتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ نامايىشلىرى، شېھىتلىرىمىزنى ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ مۇستەبىت ﺧﯩﺘﺎﻱ ھاكىمىيىتىنىڭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ تۈركىستاندا ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ يەرلىك ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىشقا ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ! »

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قىرغىنچىلىقنىڭ دائىرىسى جەھەتتىن بولسۇن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىنمۇ چوڭ بىر ۋەقە. شۇ سەۋەبتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەركەن قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىللىقىنى كەڭ-كۆلەمدە خاتىرىلەش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدۇق. ھەر قايسى ئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز بۇ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى ۋە ئاياللار كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 28-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»

ﺧﯩﺘﺎﻱ ھاكىمىيىتىنىڭ 2014-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-كۈنى يەركەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىنى مەركەز ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ئېلىپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ رەھىمسىزلەرچە ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ تۈركىستاننىڭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ زامان ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ كېيىنكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯗﭺ كەلگەن ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىنى بىر دەلىلى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە.

بۇ ھەقتە ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى مۇنداق دېدى: «2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي پايتەختلىرىنىڭ بىرى بولغان يەركەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈر بەرگەن بۇ قىرغىنچىلىق، مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ياكى قىرغىنچىلىقتا شېھىت كەتكەنلەرنىڭ سانى جەھەتتىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ كۈننى ئۇنۇتماسلىقىمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىقىمىز كېرەك. ئەسىرلەردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر بىر غېرىچ تۇپرىقى قان ۋە كۆز يېشى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەلدى، بۇ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش ۋە تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىقىمىز ئىپادىلەش، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئىنسانىي ۋە مىللىي بۇرچىدۇر! »

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ. مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تارىخنىڭ ھەر بىر بېتى قان ۋە كۆز ياش بىلەن يېزىلىۋاتىدۇ! يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئەڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرىدۇر. مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىز بۇ كۈندە ئۆزىمىزنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ نەپرىتىمىزنى ئوچۇق بىلدۈرۈشىمىز، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، بۈگۈنكى زامانىۋى قۇللۇققا ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قەدىمىي پايتەختىمىز يەركەندە ئېلىپ بارغان بۇ ۋەھشىي قىرغىنچىلىقىنى ئەبەدىيەت ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، يەنە شېھىتلىرىمىزگە بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋىجدانىي ۋە مىللىي بۇرچىدۇر! »

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەركىن زۇنۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 28-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ياشلارنى بۇ نارازىلىق پائالىيىتىگە تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي باياناتچىسى غەيۇر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە «يەركەن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەسلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلەيدىغان، شۇنداقلا ھۆر ياشاشقا ھەققى بار بىر خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر» دېدى.