ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ياسىن 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.12.08
turme-uyghur-siyasiy-mehbus.jpg تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار.
Social Media

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاڭلىتىشىمىزدا جەمئىيەتتە «ئوت يۈرەك تارىخچى» دەپ نام ئالغان ئۈرۈمچى 23 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنىدۇق. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ يازغان كىتاب ۋە سۆزلىگەن لېكسىيەلىرى سەۋەبلىك 2018 ‏-يىلنىڭ ئاخىرى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 18 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، جەمئىيەتتە «ئوت يۈرەك تارىخچى» دەپ نام ئالغان ئوقۇتقۇچى يۈسۈپجان ياسىن ھەققىدە ئۈرۈمچىدىن يوللانغان بىر مەكتۇپتا، ئۇنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب ئىكەنلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئەھۋالنىڭ يۈسۈپجاننىڭ چەتئەلدىكى دوستلىرىغا بىلدۈرۈلۈشى، جۈملىدىن ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى مەمتىمىن ئەلاغا خەۋەرلەندۈرۈلۈشى ھاۋالە قىلىنغان. مەمتىمىن ئەلانىڭ بايان قىلىشىچە، يۈسۈپجان ياسىن ئۇنىڭ يۇرتدىشى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، يۈسۈپجان ياسىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل 14 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان. مەمتىمىن ئەلانىڭ ئۆزى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر مىللىي روھىنى قېزىش، گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان يۈسۈپجان ياسىن، بۇ ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ۋە دائىرىلەر ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاپ، بىر مەھەل كۆزەتچىلىك ۋەزىپىسى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراتقۇزغان. دېيىلىشىچە، يۈسۈپجان بۇ جازالىنىشتىن خورلۇق ئەمەس شەرەپ ھېس قىلغان ۋە ئۆز ئىمكانى دائىرىسىدە ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرغىبات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ ۋە مائارىپ نازارىتى خادىملىرى يۈسۈپجان ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك باخۇلىياڭ ساقچىخانا خادىمى يۈسۈپجان ياسىننىڭ بۆلگۈچىلىك تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ قارىلىپ 18 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما، ئۇ يۈسۈپجاننىڭ كېسىلىشىگە قايسى كىتاب ياكى لېكسىيەسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، يۈسۈپجان ياسىن ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا تېجەن كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. شۇڭا بىز، ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، يۈسۈپجان ياسىننىڭ كېسىم مۇددىتى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ۋە يۈسۈپجاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ساقچى خادىمى يۈسۈپجان ياسىننىڭ 18 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ سوت ھۆكۈمىدىن تېجەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خەۋەرلەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

توردىكى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان ياسىننىڭ كىتاب ۋە لېكسىيەلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، بەزى ھەۋەسكار دىكتورلار، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ تارقاتقان.

يۈسۈپجان ياسىن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا مەتبۇئاتلاردا، يەنى ئاساسلىقى تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر تارىخى، مىللىي روھىيىتى مەسىلىلىرى بويىچە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا «ئوت يۈرەك تارىخچى» يۈسۈپجان ياسىننىڭ يازغان كىتابلىرى سەۋەبلىك 18 يىللىق كېسىلگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.