سەبىيلىك خىياللىرىنى ئىزدەپ: ئىمران سادائىي بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

2003-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئىمران ئابدۇغېنى سادائىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن قارىلىقىنى تاماملىغان. ئۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن 2016-يىلى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن.

ئۇ مۇساپىرلىق ھاياتىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنى تۈرك تىلىدا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ئىمران سادائىينىڭ تۈركچە «يۇرتۇم قالدى» ناملىق شېئىرى تۈركىيە دۆلەتلىك شېئىر مۇسابىقىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شائىرنىڭ بەزى شېئىرلىرى «يېڭى سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ژۇرنىلى»، ياش شائىرلار بىرلىكى «ئالتۇن»، ئەدەبىيات ژۇرنىلى- «يۇلتۇز» قاتارلىق بىر قانچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.

شائىر ئىستانبۇلدا يالغۇز كىشىلىك شېئىر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن. 2019-يىلى شائىرنىڭ «تامچە» ناملىق تۇنجى تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيەدە «داھىي نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ھەر قايسى كىتابخانا ھەم تور بېكەتلەردە سېتىلىشقا قويۇلغان.

شائىر ئىمران سادائىي 2019-يىلى 13 قېتىملىق ئەدېرنە، گىرېتسىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋام قىلغان خەلقئارا تۈركچە شېئىر پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئىستانبۇلدا يەنە ئوقۇشىنى داۋام قىلماقتا.


چىللىغايمەن

ئىمران سادائىي


بىر كېسەلدەك چاپلاشتى بۇ ھىجران جانىمە،

بىر كۈلۈپ سايرىسام نېم بولۇر بۇ ئەپغان جانىمە،

قانچە يىلدۇر كۈيلىسەممۇ بىر نىمجان جانىمە،

قۇيۇلۇپ كەلمىدى جامغا شىپا دەرمان جانىمە،

چىللىغايمەن سەۋرىم بىلە ئەل نىشان جانىمە.


ياشار ئىدىم مەنمۇ بىر چاغ گۈلزار ماكانىمدا،

گۆدەككىنە تاي ئىدىم ئارزۇ ئۇزار زامانىمدا،

سۆزلىسەم ئەمدى ھالىمنى غەم ياتار جانىمدا،

مېنىڭدەكنى كۆرمىگەنمەن گۈل توزار ھاياتىمدا،

چىللىغايمەن سەۋرىم بىلە ئەل نىشان جانىمە.


باغدا دەرمىش بۇلبۇل «ياندىم گۈل دەردىدە مەن»،

ياندىڭمۇ سەن شامچىلىك تۇرار جايىڭ گۈل باغدىسەن،

بىر كۆرەلمەي ئىستەك يۈزىنى قان يۇتقىنى مەن،

دېيىلسە نە ھال بۇ شۇئان بىر مۇڭ غەزەلخانمەن،

چىللىغايمەن سەۋرىم بىلە ئەل نىشان جانىمە.


تۆكۈلگەن كىندىك قىنىم شۇ گۈلدىيار قالدىيا،

قىزىلگۈللەر زەپ ياراشقان لەيلىزار قالدىيا،

ئېگىز-ئېگىز ئېتىكى باغلىق تاغلار قالدىيا،

يۇلتۇز ئىزدەپ شاد ياتقان كەڭرى سايلار قالدىيا،

چىللىغايمەن سەۋرىم بىلە ئەل نىشان جانىمە.


پادا-پادا تاغ باغرىدا بوتىلاقلار قالدى ئەنە،

يېشىل يايلاقلاردا تايچاقلار قالدى ئەنە،

بەيگىلەردە تالمىغان ئارغىماقلار قالدى ئەنە،

شۇ ئېلىمنى بېسىپ قۇيۇن چاقماقلار قالدى ئەنە،

چىللىغايمەن سەۋرىم بىلە ئەل نىشان جانىمە.