سەبىيلىك خىياللىرىنى ئىزدەپ: ئىمران سادائىي بىلەن سۆھبەت (2)

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ياش شائىر ئىمران سادائىي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدۇق.

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمى يەنە ئىمان سادائىي ھەققىدە داۋام قىلىدۇ.

ئۆزىنىڭ بەدئىي ئىجادىيەت قارىشى ھەققىدە توختالغان ياش شائىر «ئىنسانىيەت شېئىرىدىن قانچىكى ئۇزاقلاشسا، ساپلىقتىن، سەمىمىيلىكتىن، ئىجادىيلىقتىن شۇنچىلىك ئۇزاقلىشىدۇ،» دەيدۇ. ئۇنداقتا، ياش شائىر شېئىرىيەت ۋە ئۆزىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى ئېيتىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدا بولغاي.

2003-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئىمران ئابدۇغېنى سادائىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن قارىلىقىنى تاماملىغان. ئۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن 2016-يىلى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن.

ئۇ مۇساپىرلىق ھاياتىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنى تۈرك تىلىدا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ئىمران سادائىينىڭ تۈركچە «يۇرتۇم قالدى» ناملىق شېئىرى تۈركىيە دۆلەتلىك مۇسابىقىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شائىرنىڭ بەزى شېئىرلىرى «يېڭى سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ژۇرنىلى»، ياش شائىرلار بىرلىكى- «ئالتۇن»، ئەدەبىيات ژۇرنىلى- «يۇلتۇز» قاتارلىق بىر قانچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.

شائىر ئىستانبۇلدا يالغۇز كىشىلىك شېئىرىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن. 2019-يىلى شائىرنىڭ «تامچە» ناملىق تۇنجى تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيەدىكى «داھىي نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ھەر قايسى كىتابخانا ھەم تور بېكەتلەردە سېتىلىشقا قويۇلغان.

شائىر ئىمران سادائىي 2019-يىلى 13-قېتىملىق ئەدېرنە، گىرېتسىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋام قىلغان خەلقئارا تۈركچە شېئىرىيەت پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئىستانبۇلدا يەنە ئوقۇشىنى داۋام قىلماقتا.


ناتونۇش چارە

ئىمران سادائى


ئاستا كېتىۋاتسام كوچىدا،

زىلۋا بوي بىر ئانا،

ئالدىمدا بوپ قالدى پەيدا.

قاراپ قاپتىمەن شۇنچە ئۇزۇن. . . .

تاكى بولغۇچە غايىب سوزۇپ بويۇن.

يېنىدا كۆزلىرى ياشاڭغۇ بىر بالا،

ئاھ نېمانچە ئوماق، نېمانچە سەبىي!

ئىككى سېيما قاتۇردى شۇئان ھەيكەل كەبى. . .


سورىدىم مىڭ رەت ئۆزۈمگە قايتىلاپ،

نېچۈك تۇرار شەبنەم، ئەي ئوماق كىرپىكىڭدە لىغىرلاپ.

يۈرىكى يۇمشاق ئانا باغرىدىن ئاقاتتى مۇھەببەت،

شۇ شوخ سەبىي قەلبىگە شىلدىرلاپ. . .


كۆزلىرىڭگە بېقىپ ئۈزۈلدى تارىسى دىلىمنىڭ،

شائىر ئاكاڭ قالدىغۇ قاراپ بۇنچە. . .

نېمە سېھىر ئويۇلغان كۆزۈڭگە مېنى قىلغۇدەك رام؟

ئالىقىنىڭدا سىقىمداغلىق بارماقلىرى ئاپاڭنىڭ. . .

كۈلكەڭنى كۆردۈم، قېتىپ قېلىپتۇ لېۋىڭدە،

لېكىن بۇنچە مەيۈس نېمىشقا ئەي ئۇكام ھالىڭ سېنىڭ؟


. . . . . . . . . . . . . .

ئۆزۈم خۇشاللىقنىڭ يوقسۇلىمەن، كەچۈرگىن!

بەر دېسەڭ نىمجان شېئىردىن ئۆزگە نېمەم باركىن؟

كەل دېسەڭ گەر ئوينايلى ۋىلىقلاپ دەي

كېلەلمىسەم ناۋادا. . .

شائىر ئاكام قەلەم تۇتۇپ يېتىپ قېلىپتۇ دېگىن.