ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆرۈنەرلىك يازغۇچىلارنىڭ بىرى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ تۇتقۇندا قازا قىلغانلىقى ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ شۇم خەۋەردىن قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى ھەر خىل يوسۇندا ئىپادىلەشتى.
فېيسبۇكتا ئېلان قىلىنغان بىر ئۇچۇردا نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز-خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەرھۇمنىڭ كانادادىكى قىزى ۋە نەۋرىسىنىڭ فېيسبۇكقا يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، مەرھۇم 2018-يىلى 11-ئايدىن 2019-يىلى 3-ئايغىچە لاگېردا ياتقان.
بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا يەنە لاگېردىكى بەش ئاي جەريانىدا داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالغان يازغۇچىنىڭ 31-ماي ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، «شەھلا كۆز»، «چۆل ئوغلى»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا» ناملىق پوۋېستلىرى، «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ»، «شاھ مەشرەپ خوتەندە» قاتارلىق تارىخىي ھېكايىلىرى، «خوتەن دېھقانلىرى ۋە شائىر روزى سايىت» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن يازغۇچىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى زور مۇسىبەتكە خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئاخباراتلار گاچا بولۇۋالدى.
بۇ ھەقتە توختالغان ئوبزورچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نەقەدەر بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا، نۇرمۇھەممەت توختى كىم؟
فېيسبۇكتا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەرھۇم يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 1949-يىلى دېكابىردا خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومدا كاتىپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 1984-يىلى «قاشتېشى» دا ئېلان قىلىنغان «بويناق ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق نەسرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان. ئۇ شۇندىن باشلاپ، 3 پارچە پوۋېست، 50 نەچچە پارچە ھېكايە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆپىلەرنى قوشقان.
نۇرمۇھەممەت توختىنى يېقىندىن بىلىدىغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر شائىر ئاينۇر مۇھەممەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يۈكسەك پەزىلەت ئىگىسى ئىكەن.
ئاينۇر مۇھەممەت، نۇرمۇھەممەت توختى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان بولسا، ئۆز بىلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىر بىرلەپ ئۆلۈپ ۋە تۈركۈملەپ تۇتۇلۇپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئۆرتىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئۇھسىنىش ئىلىكىدە بايان قىلدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلى نۇرمۇھەممەت توختىغا لايىقىدا مۇسىبەت بىلدۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرمۇھەممەت توختىغا قەلبىدە ئابىدە تىكلەپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.