ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت 1967-يىلى كۇچار ناھىيىسى كونا شەھەردە تۇغۇلغان.
1988-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىنچە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىدا مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
1988-يىلىدىن 2001-يىلى 6-ئايغىچە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلار مەكتىپىدە لېكتور ۋە دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەن.
2003-يىلى شىۋېتسىيەگە كېلىپ، ئېغىر سانائەت كەسپىدە 3 يىل ئوقۇغان. ئوقۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىۋېتسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
2004-يىلىدىن باشلاپ «غەرب شامىلى» نامىدا ژۇرنال چىقىرىپ، ژۇرنالنىڭ ماقالە تەييارلاش، تەھرىرلىك قىلىش، بەت ياساش ۋە لايىھىلەش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرغان.
ۋەتەن ئىچىدىكى مەزگىلدە كۆپلىگەن شېئىر ۋە ماقالىلەرنى ھەرخىل نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت شىۋېتسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئۆز ئىجادىيىتىنى توختاتماي تارىخىي، سىياسىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي ماقالىلەرنى يېزىپ «مەرىپەت» ژۇرنىلى، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تارىخچى، تەتقىقاتچى ۋە ئەدىبلەر مۇنبىرى» ۋە باشقا نوپۇزلۇق تور بەتلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكتە.
تېشىپ چىققان مەن
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت
مەن تاشتىم
ئىچىمدە يەنە تاشقۇدەك ھېچنېمە قالمىدى،
گىرۋەكلىرىمنى غەم يالاپ بۇزۇۋەتتى.
چىڭقى چۈشنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا چۈشۈم بۇزۇلدى،
تەرەپ-تەرەپتىن ئېقىپ كېلىۋاتقان مىسكىن ئاۋازلار
ماڭا ئۇرۇلاتتى.
تېنىمگە ئۇرۇلغان ئاۋازلاردىن دىلىم كۆيدى.
بۇ ئاۋازلار خېلى يىللار ئىلگىرى، ھەر پەيشەنبە كۈنى
بىر يەرگە يىغىلىپ مۇناجات ئوقۇيدىغان ئانىلارنىڭ ئاۋازى ئىدى.
بىر چاغلاردا:
پاتىمەمنىڭ كۆڭلىكى،
يەتمىش يەردىن يامىقى، دەپ ھەسرەت چېكىشكەن ئانىلار
يەتمىش يەردىن تىتىلغان يۈرەك ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ئامالسىز ئىدى.
كوچىلار ئاۋازسىز
بۆشۈكلەر يىغىسىز
مەسچىتلەر خۇداسىز
ئوچاقلار ئوتسىز ئىدى.
ئادەملەر يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتكۈزۈلەتتى،
تارىخ يىڭنە بىلەن كوچىلىناتتى.
مەن تېشىپ چىققان ۋاقتىمدا
ئۇ يەردە كۆلەڭگە يوق ئىدى
پەقەت مەن بار ئىدىم.
2018-5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ستوكھولم
جىگدە
جىگدە يوق بۇ يەردە،
ھەم جىگدە دېگەن سۆزمۇ يوق.
جىگدە چېچىكىسىز باھار،
جىگدە ھىدسىز قىزلار،
نامازشامگۈلىگە ئوخشار.
يوپۇرمىقى كۈمۈش،
مېۋىسى ئالتۇن جىگدە
خانبالىققا تۇنجى كەلگەندە،
ئىپار ھىدىغا تولغانتى شەھەر.
ئېھ ئىپارخان!
سېنى پۇراقلىق قىلغان،
ساڭا ھەسرەت سالغان
جىگدىنى چۈشەندىم ئەمدى.
جىگدە-يۇرتۇم،
جىگدە-ۋەتەن،
جىگدە مېنىڭ ھەسرىتىم.
2018-8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ستوكھولم
كېچە
كېچىنىڭ
چېچىمدەك قىسقا،
قەلبىمدەك يورۇق بولۇشىنى ئىستەيمەن.
ئارىمىزدىكى مۇساپىنى ئۆمرۈمگە باغلايمەن.
ئەسلىدە ياش كۆزۈمدىن تامغان تامچە ئىدى،
مەن ئەمدى ئۇنىڭ ئىچىدە داتلاشماقتىمەن.
بىراق كېچە
خىيالىمدەك ئۇزۇن،
چۈشۈمدەك قورقۇنچلۇق،
سېغىنىشىمدەك چەكسىز ئىدى.
قۇياش مەن كەلگەن ئۇزۇن يولنىڭ يەنە تەرىپىدە
كېچىنىڭ قوينىدا مەستخۇش ئىدى.
چېچىم ئاقاردى
لېكىن كېچە ئاقارمىدى،
چېچىمنىڭ قالمىدى يېرىمى
لېكىن كېچە قويۇق شۇ پېتى.
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ستوكھولم.