ئۈمىدۋار شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف «ھاياتنىڭ ئازادلىقتەك تاتلىقى يوق»

0:00 / 0:00

«راز ئىدىم: ئازادلىقنى كۆرۈپ ئۆلسەم. . . ھاياتنىڭ ئازادلىقتەك تاتلىقى يوق!» مانا بۇ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدىن مەھرۇم ھالدا ئۆتكۈزگەن شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ھۆرلۈك-ئازادلىققا بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن مىسرالىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇنداقتا، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف كىم؟

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف 1936-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلى ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تاماملىغان. ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ شۇنداقلا ئاباي، ئابدۇللا توقاي، سەدىردىن ئەينى قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەر ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن ھەم ئۆزىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك 1962-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ قازاقىستانغا يەرلەشكەندىن كېيىن دەسلەپتە مۇئەللىمىچىلىك قىلغان، ئاندىن 1970-يىلدىن تارتىپ «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە ئىشلىگەن. ئەدىب 1998-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ 1965-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى رىزۋانگۈل ھەققىدە يازغان داستانى قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك گېزىت «كوممۇنىزم تۇغى» دا بېسىلغان. ئۇنىڭ «ئۆچمەس يۇلتۇزلار» ناملىق تۇنجى توپلىمى 1967-يىلى «جازۇشى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى شائىرنىڭ «يار ۋە دىيار»، «گۈل ۋە كۆڭۈل»، «جەسۇر جانلار»، «ساداقەت سەتىرلىرى»، «قىران قىسمىتى»، «ئۇيغۇرىستان» قاتارلىق 20 گە يېقىن توپلاملىرى ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، ئۆزبېك، قاراقالپاق، قىرغىز تىللىرىدا نەشر قىلىندى.

ھاياتنىڭ ئازادلىقتەك تاتلىقى يوق

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف

«بىرى قوغلاپ، بىرى باغلاپ تارتمىسا،

ئىت چېغىدا ئۇۋىسىدىن كەتمىگەي».

ئېيتاي دېسەم دىلىمدىكى دەردىمنى،

باغرىم، ساڭا يېتەرمۇ، يە يەتمىگەي؟!

بىر چاغ ئەزىز بۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەچ،

ئەلنى تاشلاپ، تىلەپ چىقتىم پاناھلىق.

بۇ جاھاندا بارمېكىنتاڭ بىلمەيمەن،

بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يۈزى قارالىق!

بولمىسىغۇ سەنمۇ مەندەك دەرتمەندىڭ،

باغرىم قازاق، ھېسداشلىققا يار ‍ئىدىڭ!

«كەل باغرىم!» -دەپ قۇچاق ئېچىپ، قارشى ئېپ،

قېرىنداشلىق-قانداشلىققا يارىدىڭ.

بىزنى بۆلۈپ تۇرغان پەقەت تىكەن سىم،

گىرەلەشكەن ئۇيغۇر، قازاق ئېلىمىز،

سەن مەھمۇدنى «ئەللامە» دەپ بىلگەندەك،

بىز ئاباينى «ئەۋلىيا» دەپ بىلىمىز. . .

«ئاللانىڭ ئۆزىدە راست، سۆزىدە راست!»

دەپ يادلاپ چىققاندىغۇ بۇ تىلىمىز.

تىلىمىز تۈگۈل بىرغۇ پاك دىنىمىز،

دىنىمىز تۈگۈل بىرغۇ ئاق دىلىمىز. . .

باغرىم قازاق، سېنىڭ باركەن ئامىتىڭ،

قانغا-قانچە پاتقان مەندەك قامىتىڭ!

بولمىسىغۇ ئۇلۇغ ئاباي، مۇختەرنى

ئۇچۇم قىلغان ئەمەسمىدى قانىتىڭ.

ئاقپاشاغا تەسلىم بوپ، تىز پۈكمىگەن،

تازابەك باتۇرۇڭنى تونۇدىڭمۇ؟!

ئاق ئېيىق، ئەجدىھادىن تەپ تارتمىغان،

ئوسماننىڭ كىملىكىنى سورىدىڭمۇ؟!

ئەلاخان تازابەكنى تۇتۇپ بەرمەي،

ئەسلىدە چىن دوستلۇققا يارىغاندى.

ئاقپاشا نامەردلىك قىپ، بېسىپ كىرىپ،

ئۇيغۇرنى بار تەختىدىن ئايرىغاندى. . .

قازىقىم ئاققۇدەك كۆڭلى ئاق خەلق،

ئۇيغۇرغا ئاتا بىر قانداش-قېرىنداش.

ئۇلارنىڭ چىن دوستلۇق تىمسالى ئۈچۈن-

خانتەڭرى كۆككە باش تىرەپ تۇرغان تاش. . .

ئۇيغۇرنىڭ قازاققا ھېچ ياتلىق ئى يوق،

ئىككىمىز بىر ئاتىدىن تارىغانغۇ! . .

ئاتىللا زامانىدا ئاغزىمىزغا-

قەشقەردىن تا رىمغىچە قارىغانغۇ! . .

ئۇيغۇرنىڭ قازاققا ھېچ ياتلىقى يوق،

بۇ كۈندە قازاقچىلىك شاتلىغى يوق. . .

راز ئىدىم: ئازاتلىقنى كۆرۈپ ئۆلسەم. . .

ھاياتنىڭ ئازادلىقتەك تاتلىقى يوق!

«ئېگېمېن قازاق ئېلى» قۇتلۇق بولسۇن،

قۇچاقلاي، باغرىمغا سەن باغرىڭنى ياق.

قۇللۇقنىڭ دەردىنىمۇ مەندەك تارتتىڭ،

بىز ئۈچۈن يولىمىزغا بول شام-چىراق!

ئېگېمېن ئېلىڭ قۇتلۇق بولسۇن، قازاق. . .