ئەرك كۈيچىسى، شائىر ئابدۇرەھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈرنى ئەسلەپ
مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.04.26
2019.04.26
ئۆز خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان، ئاخىرقى نەپىسىگىچە ھۆرلۈك ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن مەشھۇر ئەدىب ئابدۇرەھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل ئازغىنە كەم 24 يىل بولدى.
زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى لاگېرلارغا بەند قىلىنىپ، شائىرلارنىڭ تىلى كېسىلگەن، ئۇيغۇر ئانا تىلى يوقىلىش خەتىرىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق كامالەتكە يەتكەن، ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلىنىشنى ئۆگەتكەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر كەبى زاتلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشى بولمىسا كېرەك، دەيدۇ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت.
مەشھۇر شائىر ۋە يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر 1923-يىلى قۇمۇلدا سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1936-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. ئۇ 1943-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە گومىنداڭنىڭ تۈرمىسىدە ئىزتىراپ چەككەن بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان 1949-يىلىدىن تاكى1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە سىياسىي رېجىم، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئازاب چەككەن. يېزىقچىلىق ۋە مەتبۇئات ھوقۇقى نەچچە 10 يىللاپ چەكلىنىپ، ئىجادىيەت ئېنېرگىيەسى ئۇرغۇپ تۇرغان نەۋقىران يىللىرى خاراب قىلىنغان. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىقى قەيت قىلىنىدىغان «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق نادىر تارىخىي رومانلارنى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئۆز خەلقىگە سۇنغان. ئۇ 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئەلەمدىن ئۆتكەن.
شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان يېتۈك ئەدىبلەرنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلىرى، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دىن ئىبارەت تارىخىي رومانلىرى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆرۈشىگە قوشقان زور تۆھپىلىرى بىلەنمۇ چوڭقۇر ھۆرمەت ساھىبى بولۇشقا لايىق زات ئىكەن.
يېتەر، ئەي چەرخ
يېتەر، ئەي چەرخ، بۇ ھىجراندا مېنى يىغلاتما ئارتۇقچە،
كېرەكتۇر يارغا كۆز ياشىم، ئۇنى خوراتما ئارتۇقچە.
مۇھەببەت مەنزىلى قاتتىق ئىكەن، تاشلىق داۋانى كۆپ،
يىقىلدىم پۇتلىشىپ قانچە، يېتەر، غۇلاتما ئارتۇقچە.
تاپالماي ۋەسلىگە يولنى، ئاداشتىم چۆلدە مەجنۇندەك،
چۆلىستان ئىچرە سەرراپقا مېنى ئالداتما ئارتۇقچە.
گۇناھىم سۆيگۈدىن ئۆزگە نېمىدۇر بىلمىدىم ئەسلا،
يۈسۈپتەك خارۇزار ئەيلەپ، قۇلۇم دەپ ساتما ئارتۇقچە.
جاھاننى باستى پەريادىم، ماڭا بۇلبۇلمۇ ھەيراندۇر،
ئوقۇپ سەن گۈلگە ئەپسۇنلار، ئۇنى ئۇخلاتما ئارتۇقچە.
تېشىپ باغرىمنى قان قىلدى جۇدالىق ئوقلىرى كۆپتىن،
يېتەر بۇ زۇلمۇ بىداتلىق، يەنە ئوق ئاتما ئارتۇقچە.
تونۇردەك يانمىسا قەلبىم، بولۇرمۇ ئاھلىرىم يالقۇن،
يەنە كۆيدۈرگىلى ئەي چەرخ، يېتەر، ئوت ياقما ئارتۇقچە.
1948-يىلى 5-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى
باھار چىللايمەن
زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن،
جانۇ-جانىمدىن باھار چىللايمەن.
تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك،
ئاھ-پىغانىمدىن باھار چىللايمەن.
نە تاقىتىم بار، نە سەۋرىم ئەمدى،
قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى.
گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى،
شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن.
ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق،
مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق؟
خائىنلار ئىشى باش ئېگىپ تۇرماق،
پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن.
شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ،
تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ،
كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،
ئىسسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن.
ئۈمىدىم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك،
ئۈمىد باغىدا ئاتتى كۆپ چېچەك.
خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك،
كۈرەشچان تاڭدىن باھار چىللايمەن.
باھار چىللايمەن، باھار چىللايمەن،
خەلق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن.
ئارزۇيۇم باھار، ئۈمىدىم باھار،
ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن.
باھار چىللايمەن، باھار چىللايمەن،
خەلق مۇڭى شۇ شۇنى كۈيلەيمەن.
بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن،
ئۇندىن ئۆزگىنى نېچۈك سۆيەي مەن.
باھار چىللايمەن، تۈنلەر كېچىسى،
مەيلى توزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى.
رازىمەن شۇندىن، قىلچە ئارمان يوق،
بولالىسام مەن خەلق مۇڭچىسى.