شائىر ئابدۇرەھىم پاراچنىڭ «ۋەتەنسىز كۈي» لىرى (2)

0:00 / 0:00

ئابدۇرەھىم ئىمىن (پاراچ) 1975-يىلى قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسىدا تۇغۇلغان.

1995-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى (ھازىرقى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ سىياسىي قانۇن فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 30 كۈنى (خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ھارپا كۈنى) مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 40 كۈندىن كىيىن «خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بولۇشقا ئۇرۇنغان» دېيىلىپ، ھېچقانداق سوت قىلىنماستىن ئۈچ يىللىق كېسىلگەن.

ئۇ 2000-يىلى ئىيۇندا تۈرمىدىن چىقىپ 2013-يىلى ئانا يۇرتىدىن ئايرىلغۇچە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى ۋە تەھدىتلىرىگە ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئۇچراپ تۇرغان.

ئاخىرى 2013-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق قاچاق يوللار بىلەن بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئابدۇرەھىم پاراچ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن.

ئۇ تۈركىيەگە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن، 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مېدىيا» قارمىقىدىكى «ئىستىقلال» تور تېلېۋىزىيەسىدە ئىشلىگەن. 2017-يىلىدىن بۇيان يېزىقچىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

ئۇ ئىلگىرى «تەڭرىتاغ» «تارىم»، «كروران» «قەشقەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرنال ۋە ھەرخىل گېزىتلەردە 100 پارچىغا يېقىن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان، 2018-يىلى تۈركىيەدە «ۋەتەنسىز كۈي» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.


ۋەتەنسىز

ئابدۇرەھىم پاراچ


ۋەتەنسىز قويغىنىڭ يا رەب، جىمى خارلىققا تەڭداشكەن،

ئۇنىڭغا ھەممە يەر تارلىق بۇلاقتەك كۆزلىرى ياشكەن.

ۋەتەنلىك باغدا گۈل ئۈزسە ئەجەب بەش-ئالتە كۈن سولماس،

ۋەتەنسىز گۈلنى كۆرمەستىن سولۇر، تەقدىرى ئالماشكەن.

ئەجەب ئىش ئۆزگىگە راھەت بىلىنگەن مەخمەلۇ-مامۇقلار،

ھالا بىزلەرگە كەلگەندە نېتەي يانتاق، قومۇش، تاشكەن.

كۆرۈڭ چاك-چاك بولۇپ چاڭقاق يۈرەككە شۇنچە ياققان سۇ،

ئىچەي دەپ لەۋنى سوزغاندا ئايا ئۇ بىزگە ئاتەشكەن.

بىراۋ كۆللەردە قارماققا ئىلىندۇرسا گۆھەر-قاشتاش،

لېكىن بىزلەردە قارماققا ئىلىنغان لاي بىلەن لەشكەن.

ئىكەن مەناسى ئىززەتنىڭ «ۋەتەن!» دەپ توۋلىغان تۇپراق،

ۋەتەنلىك نەدە، نە بولسۇن ھامان ئۇ بىر «قەلەمقاش» كەن.

كىشى كىيگەندە شاھلاردەك سالاپەت زەر لىباس توننى،

ۋەتەنسىزلەرگە بىر قانداق بولۇپ ئەسلا ياراشماسكەن.

يېتىلسەڭ كۆپكە بولۇپ قادىر، تالاي ئىشلارغا ھەم ماھىر،

لېكىن ئاددىي ۋەتەنلىكلەر «ۋەتەنسىز» دەپ ياراتماسكەن.

سېنىڭ ئىلىكىڭدە گەر ياقۇت تۇراركەن قىلمىغاي پەرۋا،

بىراق ئۆز تۇپرىقىڭ بولسا ئۇنىڭ تاشىمۇ ئالماسكەن.

ھەقىقەت شۇكى، ھەر يەردە ۋەتەندەك غەمگۇزار يوقكەن،

ۋەتەنسىزلىكتە بەس، ھەركىم تىنچ بىر كۈن ياتالماسكەن.


تاتلىق ئۆلۈم

ئابدۇرەھىم پاراچ


گۈللىرىڭنى پۇرىۋالسام،

ھەر كوچاڭدا يۈرىۋالسام.

باغرىم يېقىپ چۆللىرىڭدە،

قېنىپ-قېنىپ يىغلىۋالسام.

ئېرىپ-ئېرىپ ئاشىق مىسال،

مېھىر بىلەن بېرىپ سوئال،

ھەر يۈرەككە يىغىۋالسام،

كۆزلىرىدە قونۇۋالسام.

تاۋۇتۇممۇ كۈلەر تەۋرەپ،

باغاشلاپلا ئۆلۈۋالسام.

سەندە ئۇ ھال جېنىم قالدى،

ئاي مەلىكەم خېنىم قالدى.

ئۇلار بىلەن يۈرىۋالسام،

ھەر يېرىمگە سۈرتۈۋالسام،

بۇلدۇقلارمۇ ئۈمىدلىرىم،

باغراش كەبى تىنىۋالسام.

سۆيگەن كۆڭۈل يېرىم قالدى،

كۆيۈپ-كۆيۈپ كۈلۈم قالدى.

پۈۋلەپ بەرگىن يېنىۋالسام،

قەشقەر ئۈچۈن كۆيىۋالسام.

سۇنۇپ بولدى پۇچۇق يۈرەك،

داۋاسىنى سورىۋالسام.

مەۋجۇتلۇقنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ،

بوۋاق كەبى ئېمىۋالسام.

رەقىبلەرنىڭ قېنى كېرەك،

چىشلەپ-چىشلەپ شورىۋالسام.

مەيلى ئىدى ئۆلسەم دېمەك،

تاتلىققىنە كۆيۈپ تۇرۇپ

قېنىپ-قېنىپ سۆيۈۋالسام.