مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز تارىخى ۋە كەچمىشلىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش يولىدا كىتاب-ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش قاتارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى 2018-يىلى تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان «ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدۇر.
توپلام شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قەلەمگە ئالغان ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاپتورنىڭ ئۆز ئانىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىبرەت قارا ھىجران تۇيغۇلىرى، ياۋروپا تۇپراقلىرىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە بەزى ئىلمىي تەتقىقات ئەمگەكلىرى كىرگۈزۈلگەن.
كىتاب مۇئەللىپى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت 1967-يىلى كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىۋېتسىيەگە كېلىپ، ئېغىر سانائەت كەسپىدە 3 يىل ئوقۇغان ۋە ئوقۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىۋېتسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ شۇندىن كېيىنمۇ ئۆز ئىجادىيىتىنى توختاتماي تارىخىي، سىياسىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي ماقالىلەرنى يېزىپ «مەرىپەت» ژۇرنىلى، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇنبىرى» ۋە باشقا نوپۇزلۇق تور بەتلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ كەلدى.
ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىش، ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ يېنىدا، سەكراتتا ئۇلارنىڭ بېشىدا بولالماسلىق مۇھاجىرەتتىكى كۆپىنچە ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ياكى شۇ قارا كۈنلەرنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان قورقۇنچلۇق تۇيغۇلارنىڭ بىرى.
«ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرى» ناملىق ماقالىدە ھىجران دەردىدە باغرى قان بولغان بىر مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ شۇ خىلدىكى نازۇك تۇيغۇلىرى ھەمدە بىر ئانىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقى مەجبۇرلانغان زۇلمەتلىك رېياللىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
بۈگۈنكى «ئەركىن تىنىقلار» سەھىپىمىزنى مەزكۇر كىتابقا بېغىشلايمىز.