بەزى شەخسلەرنىڭ تارىختىكى رولىنى ھەرگىز ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، ئۆزى ياشىغان دەۋرىدە ئۆز خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى قەلبىگە مۇجەسسەملىگەن ۋە پۈتۈن ھايات پائالىيىتى داۋامىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان شەخسلەرلا خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشاپ قالىدۇ.
بۇ يىل 9-فېۋرال مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 118-يىلى بولسا، بۇ يىل 13-مارت قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 86-يىلىدۇر.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان شەخس دەل ئابدۇخالىق ئۇيغۇردۇر. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەرىپەت ۋە ئەركىنلىك مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشقىلارنىڭ يولىنى يورۇتقان يولباشچىلارنىڭ بىرى، دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 9-فېۋرال تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى دىنىي مەكتەپ، خىتايچە شۆتاڭلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1923-يىلىدىن 1926-يىلىغىچە سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا 3 يىل ئېلىم تەھسىل قىلىپ، يۇرتىغا قايتقان.
ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياشىغان بۇ دەۋر ئۇيغۇر خەلقى مىلىتارىست ياڭ زىشىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا مىسلىسىز دەرىجىدە ئېزىلگەن ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىنتايىن زەئىپلەشكەن بىر دەۋەر ھېسابلىنىدىكەن.
دەرۋەقە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت-ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تۇرپان ئاستانەدىكى مەخسۇت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خوجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن 1927-يىلى «ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» نامىدا ئىئانە توپلاپ، يېڭىشەھەر ئاقسارايدا «ھۆرىيەت مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئويغان ئۇيغۇر»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئاچىل»، «باردۇر»، «ئۇيغۇر قىزى»، «نە قىلاي» دېگەندەك ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشلىرىنى يارقىن ئىپادىلەيدۇ.
تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىز قۇتلاننىڭ ئىجراسىدا «باردۇر» ناملىق شېئىرىنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز.
باردۇر
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
جاھالەت سەمەرسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز-ئوقۇتارمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
تەئاۋۇنۇ-تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.
يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.
ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانىمىز باردۇر.
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.
ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.
ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.
خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.
بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قېلىپ غەپلەت، جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.
كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.
ئۇيۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا بىئەپ بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ-شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال، دارېن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.
گۈركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە ئەي خۇدايىم دەپ،
ئەقلىنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.
ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قويغانىمىز باردۇر.
مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.
مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇر سەللە، نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.
ئەل-يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.
ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاخشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.
1921-يىلى
مەزكۇر شېئىر ھەققىدە توختالغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت، ئازغىنا كەم يۈز يىل مۇقەددەم يېزىلغان بۇ شېئىرنىڭ ھېلىھەم قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ تۇرپاندىكى ئەڭ جەڭگىۋار سەركىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، 1933-يىلى تۇرپاندا جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەقىقەتەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قولىدا قەلەم، بىر قولىدا ئەلەم كۆرۈشى قىلغان ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ جەسۇر ئوغلانلىرىنىڭ بىرى ئىدى.