«ئۇيغۇرلار»، «ھونلارنىڭ قىسىغىچە تارىخى» «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق كىتابلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنى تونۇمايدىغان، ئۇنى چوقۇر ھۆرمەت ئىلىكىدە ئەسلىمەيدىغان ئۇيغۇرلار ئاز بولسا كېرەك.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇرغۇن ئالماس 1924-يىلى 30-ئۆكتەبىر قەشقەردە تۇغۇلغان، 2001-يىلى 11-سېنتەبىر نەزەربەند ئاستىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈرگەن.
مەشھۇر تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ۋاپات بولغىنىغا بۇ يىل ئازغىنە كەم 18 يىل بولدى.
تۇرغۇن ئالماس تارىخچى بولۇپلا قالماي، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ھاكىمىيەتنىڭ تۈرمىسىدە ياتقان پېشقەدەم ئىنقىلابچى ھەمدە ئۆز نۆۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئىدى. مەزكۇر سەھىپىمىز كۆپ جەھەتلەردىن ئەدەبىي سەھىپە دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ئاساسلىقى مەرھۇمنىڭ شېئىرلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ھەمدە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلار قەلب تۆرىدىن يۈكسەك ئۈستۈن ئورۇن بەرگەن ۋە چوڭقۇر سۆيگەن تارىخچىنى بىر ئەسلەپ ئۆتىمىز.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆھبىتىمىزگە مەرھۇمنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئوغلى قۇتلۇق ئالماسنى تەكلىپ قىلدۇق. قۇتلۇق ئالماس سۆھبىتىمىز جەريانىدا دادىسىنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان بەزى مەلۇماتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ تۇغۇلغان يىلى 1924-يىلى ئەمەس 1921-يىلى ئىكەن.
ئىپارگۈل
تېخىچە يېشىلگەن ئەمەسمىش بىر سىر،
ئىنساننىڭ تەقدىرى دېگەن تېپىشماق.
دۇنيادا يۇلتۇزى ئوخشىغانلارمۇ،
تەس ئىكەن بىر بىرى بىلەن تېپىشماق.
قۇتۇلماي نادانلىق ئاسارىتىدىن،
تەقدىرگە ئالدىنىپ ئۆتتۇق كوپ زامان.
پەن ئېلىم ئەھلىنىڭ جاسارىتىدىن،
ياشنىدى ھېسابسىز بوستان گۈلىستان.
نۆۋىتى ماسلىشىپ كەلدىمۇ ئامەت،
ئالدىمدا ئۇشتۇمتۇت بولدۇڭ نامايان.
ياكى سەن بەختىمنىڭ كۈلۈپ ئېچىلغان،
خۇشپۇراق گۈلىمۇ ھېچ سولمايدىغان.
قارىدىڭ يېقىملىق سىرلىق كۆز تىكىپ،
تەبەسسۇم ئارىلاش يۈرەكنى قىيناپ.
ھاياجان ئىلىكىدە يۈرىكىم ئېغىپ،
ئورنىغا چۈشمىدى تا سوقۇپ ئويناپ.
تەڭرىنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ ھەم چەكسىز
سېنىمۇ ياراتقان ئوماق ئۆزگىچە،
گويا سەن كېچىسى ئوتلۇق يۇلتۇزدەك،
يانىسەن تاڭ سەھەرگىچە.
ئىپارگۈل ئۆچمەس ئوت كۆيدۈرىدىغان،
تەنلىرىم كۆيىدۇ يېنىپ،
ياكى سەن سەنەممۇ سۆيدۈرىدىغان،
يېنىشلاپ كۆيسەممۇ سېنى كۆپ قېتىم
قانمىدى يۈرىكىم بىر قېتىم تىنىپ.
بىلمىدىم كەچكۈزنىڭ ئاپتىپى سىمان،
ئىلمان مۇھەببەت ماڭا يولۇققان.
ھاياتنىڭ كۆڭۈلسىز دەرد ئەلەملىرى
كۆكسۈمگە تىكەندەك قاچان قادالغان.
كېتىمەن بىر كۈنى مەڭگۈ يىراقلاپ،
پىنھاندا كۆز يۇمغان ئانام قېشىغا
كېلەمسەن ئىپارگۈل مېنى يات ئېتىپ
جىمجىت قاراڭغۇ قەبرەم بېشىغا.
0:00 / 0:00