بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف: قەلىمىم قېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلىدىم
2020.11.20

مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كېلىۋاتقان بالىلار ئەدەبىياتى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن راۋاجلانماقتا. ئەدەبىيات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكرىچە، بۇ يۆنىلىشتە مەيدانغا كېلىۋاتقان ئەسەرلەر ياش ئەۋلادلاردا مىللىي روھنىڭ ئويغىنىشىدا، مېھرىبانلىق، ئادىللىق، پاكلىق ئوخشاش خىسلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئەنە شۇ ساھەدە قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئاۋۇت مەسىموف ھازىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ياشايدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەدەبىيات مەيدانىغا كىرىپ كەلگەن ئاۋۇت مەسىموف ئۇزۇن يىللار داۋامىدا نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم بۇ جەھەتتە چوڭ تەجرىبە توپلىغانىكەن. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەللىك يىلى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرپ قىلىنغان بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىنمۇ ھەرگىز قول ئۈزمىگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاۋۇت مەسىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا چوڭلاردا، مەيلى ئۇ مىللىتىمنىڭ ئاددىي دېھقىنى ياكى زىيالىيسى بولسۇن، مىللىي غۇرۇر دېگەن ناھايىتى كۈچلۈك بولغانمىكىن، ماڭىمۇ تەسىرى بولغان ئوخشايدۇ. دەسلەپ «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە «مىللىي غۇرۇرۇم، ئىپتىخارىم» دەپ ياشلىقىمنى سەرپ قىلىپ، ماقالە، خەۋەرلەرنى ئىزدەپ، يولمۇ يول ماڭدىم. سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىلىمىمنى سەرپ قىلىپتىمەن. كېيىن «ئارزۇ» ژۇرنىلى دېدىم، مىللىتىمنىڭ تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش يولىدا يەنىلا ئائىلىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلاردا ھەپتىلەپ ياشاپتىمەن. ژۇرنال يېپىلغاندىن كېيىن «ئىنتىزار» ژۇرنىلى، «مەرىپەت»، «ياش ئەۋلاد»، «خۇش كەيپىيات» گېزىتلىرى چىقىشقا باشلىغاندا، باش مۇھەررىرلىك قىلغانلىقىمنى كۆرگەنلەر ئۆلۈپ تۈگىدى. دەسلەپكى ئاخباراتتىن تارتىپ كېيىنكى كىتابلىرىمنىڭ يېزىلىش ئۇلىنى ئەينى شۇ قاينامنىڭ ئىچىدە سوقۇپتىمەن.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان دەسلەپكى يىللىرى ئەلدە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىسلار تۈپەيلى كۆپلىگەن زىيالىيلار كۈن كۆرۈش مەقسىتىدە ئۆز كەسپىنى تاشلاپ، باشقا ساھەلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.
بۇ ھەقتە ئاۋۇت مەسىموف مۇنداق دېدى: «قەرەللىك مەتبۇئاتتىن ۋاقىتلىق كەتكىنىم راست. ئۇنىڭغا «ئارزۇ» ژۇرنىلىنىڭ پەيدا بولۇشى سەۋەبچى. گايى ئاكىلىرىمىز مىللەت كېلەچىكى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئېلىشقا، ۋەتەننى ئازاد قىلىشقىچە بارىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىۋاتقاندا ھېس-تۇيغۇغا بېرىلىپتىمەن. ئۇنىڭ كەينىدە ئاكىلارنىڭ مەنسەپپەرەسلىكى تۇرغانلىقىنى نەدىن بىلەي. ئۇخلىسام چۈشۈمگە كىرمىگەن ئىكەن. ئەمما مىللىي مەتبۇئات بەتلىرىدىن كەتكىنىم يوق. يازغانلىرىم ئارىلاپ يورۇق كۆرۈپ تۇردى. شۇنداقلا، مېنىڭ خىزمىتىمنى يۆتكىشىم ئۆزگەرتىپ قۇرۇش دەۋرىگە توغرا كەلدى. بىر توپ ياشلار مەتبۇئاتقا كېلىپ قوشۇلدى. رېداكسىيەلەردە شتاتلار قىسقىراپ، ئۇزۇن يىل ئىشلەۋاتقان تەجرىبىلىك، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر تىلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى تۈپەيلىدىن ئىشسىز قېلىشقا باشلىدى. رەھبەرلەرگە بۇيرۇقنى بۇلجۇتماي ئورۇنلايدىغان، تىڭشايدىغان كادىرلار كېرەك بولدى. مەن باشقا ساھەگە ئىشنىڭ يوقلۇقىدىن يۆتكەلدىم. باشتا ئېيتقىنىمدەك، شەخسىي ژۇرنال، گېزىتلەردە ئۆزۈمنىڭ قەلىمىنى يوقىتىپ قويماس، قېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلىدىم.»
ئاۋۇت مەسىموف ئەنە شۇ ئېغىر ۋاقىتلاردا خەلق ئىچىدىن مىللەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىللىي مائارىپ، مەتبۇئات، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۆيۈنگەلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
يازغۇچى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئالدىدىمۇ ھەل قىلىشقا ۋە ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بالىلار ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك گەپ قوزغالغاندا «بىزدە، كېيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە، بالىلار ئەدەبىياتى ۋۇجۇدقا كەلدىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەيلى. ئەگەر مۇشۇ يىللار ئىچىدە بالىلار ئەدەبىياتى ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئاممىۋى تەرەققىياتقا ئىگە بولغان بولسا، بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كادىر قىيىنچىلىقىغا قالماس ئىدۇق. ئەمدى بىر ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بالىلار ئەدەبىياتى بار. ھەر بىر رومان، پوۋېست، پوئېما، شېئىرلارنىڭ ئىچىدە بالىلار ئەدەبىياتى مەۋجۇت. يېتىشمەيدىغىنى، ئاشۇ باي مىراسىمىزنى ئايرىم، بۆلۈۋېلىپ نەشر قىلىدىغان نەشرىياتنىڭ، پۇلنىڭ يوقلۇقى.»
ئاۋۇت مەسىموف دەسلەپتە ھەر خىل ئويۇنلارنى، ئاندىن چۆچەك يېزىشقا كىرىشىپ، بارا-بارا شېئىرىي قوشاقلارغا يۆتكەلگەن. بۇنىڭغا ئەنە شۇ بالىلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى سەۋەب بولغان ھەم شۇلار بۇنىڭغا يول ئېچىپ بەرگەن.
«بالىلار باغچىلىرىدا ئۇلارنىڭ تاڭ سەھەرلىك ئورۇنلىرىغا قاتناشتىم. كۆپىنچە رۇس تىلىدىكى شېئىرلارنىڭ ئېيتىلىۋاتقىنىغا ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزۈمچە يېزىشقا كىرىشتىم. ئاقىۋەتتە كىچىك-كىچىك توپلاملار پەيدا بولدىيۇ، ئەمما ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قولىغا يېتىپ بارالمىدى. ھەتتا كومپوزىتور ئىسمائىل ئاكا ئىسايېف بىلەن بىرلىكتە ناخشا نوتىلىرىنى يازدۇق. ئەمما، ئۇقۇشساق، تەربىيىچىلەرنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ كۆپى نوتا بىلمەيدىكەن.»
سۆز ئاخىرىدا ئاۋۇت مەسىموف قازاقىستاندا ياش ئەۋلادنى مىللىي روھتا تەربىيىلەش مەسىلىسىنىڭ جىددىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بىرىنچى نۆۋەتتە تىل مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىلگىرىكى رۇس تىللىق باغچىلار يېنىدا قازاق تىللىق گۇرۇپپىلار ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بالىلارغا بېغىشلانغان قازاق تىلىدىكى ئەدەبىياتلارمۇ كەڭ دائىرىدە نەشر قىلىنىۋاتماقتىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە رادىئو ۋە تېلېۋىزىيەدە، ئىنتېرنېت تورلىرىدا بالىلار ئىجادىيىتى كەڭ تەرغىب قىلىنىپ، ياش ئەۋلادنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىگە مىللىي روھ سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتماقتىكەن. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۈلگە ئالسا بولىدىكەن.