ھۆرلىكى بوغۇلغان ئەرك كۈيچىسى: چىمەنگۈل ئاۋۇتنى ئەسلەپ

0:00 / 0:00

كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت لاگېر-تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى.

ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە ئۇنىڭ 2018-يىلى ئىيۇلدا شەرق كۆلى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «خەتەرلىك كىتابلار» تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق روماننىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئۇنداقتا، چىمەنگۈل ئاۋۇت كىم؟

بۇ ھەقتە توختالغان نورۋېگىيەدىكى ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئۇ مۇھىم بىر شائىر ۋە تېپىلغۇسىز ئىنسان ئىدى،» دەيدۇ.

چىمەنگۈل ئاۋۇت ھەققىدە مەۋجۇت تور ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۇ 1973-يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن، 1996-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ۋە قولغا ئېلىنغانغا قەدەر ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

چىمەنگۈل ئاۋۇت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ توپلاملار ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلارغا ئايلانغان. نەتىجىدە ئۇ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق رايونلۇق ۋە خىتاي مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا ئالغانلىقىنى، كېيىنكى مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ۋە ئۆزىگە خاس تەسىر پەيدا قىلغان شېئىرلارنىڭ بىرى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «چىمەنگۈل ئاۋۇت ھۆرلۈك ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن شائىر ئىدى،» دەيدۇ.

چىمەنگۈل ئاۋۇت توغرىسىدا ئېرىشكەن چەكلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىغا ناخشىلارمۇ ئىشلەنگەن. «نورۇز گۈلۈم»، «سىم-سىم يامغۇر» قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدۇر. ھەتتا ئۇ يازغان «سىم-سىم يامغۇر» ناملىق لىرىك ناخشىنىڭ ئامماباب ناخشىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا، ئەركى بوغۇلغان جەسۇر شائىرەنىڭ قىسمىتى ئۇنى سۆيگەن ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى دائىما چوڭقۇر ئىزتىراپ ۋە دەرد-ھەسرەتكە غەرق قىلىدۇ، شائىرەنىڭ سۆيۈملۈك خەلقى مۇپتىلا قىلىنغان قاباھەت ئۇلارنى قولىدىن كېلىدىغان بارچە ئاماللارنى قىلىپ شائىرە كۈيلىگەن نەۋباھار ئارزۇسىغا «ئۈمىدىنى جان ئېتىش» كە چاقىرىدۇ.


نورۇز گۈلۈم

چىمەنگۈل ئاۋۇت


چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈملىرى تال-تال بولسۇن مەن ئۈچۈن،

قاشلىرىڭنىڭ ئەگىملىرى ھىلال بولسۇن مەن ئۈچۈن

كىرپىكىڭدىن قانات ياساپ، پەرۋاز قىلىپ ئۇچاي راسا،

ئاسمىنىڭمۇ تاغ سۈيىدەك، زۇلال بولسۇن مەن ئۈچۈن.


باغىڭدىكى گۈللەرگە، ياشىم بىلەن سۇ سېپەي،

تاغىڭدىكى بۈركۈتكە يۈرەكىمنى دان ئېتەي،

سالقىن شامال ئېلىپ كەلگەن ھىدلىرىڭنى بەرگىن ماڭا،

ساڭا ئاشىق يوللىرىڭغا ئۈمىدىمنى جان ئېتەي.


بارسا كەلمەس يول

چىمەنگۈل ئاۋۇت


كىشنەيدۇ تەبىئەتكە قوشۇلۇپ ئىللىق،

ئەسلىمە كۆركىدە قان بولغان يۈرەك.

يالغۇز بىر ئايالدەك يىقىلدى يەرگە،

ھە ئەنە يېنىمدىلا كېسىلگەن تېرەك.


مېھرىمگە سېنى دەپ ياغماقتا توپا،

ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئاجايىپ دەھشەت.

بىلەمسەن، مەندىكى ئازاب ھۇزۇرى،

مۇشۇ دەم تېرەك بوپ كۆكلىدى رەت-رەت.


شۇندىمۇ چۇل-چۇل بولۇپ كەتمىدىم يەنە،

سۈكۈتنى مەن سەندىن ئۆگەنگەن جېنىم.

باغلىرىم پايخان بولسۇن، تاغلىرىم قامال،

ياش بولۇپ ئاقمىدىم ھەرگىز بىر تېمىم.


شۇ كېچە ئاسماندا سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ،

كۆزۈمدىن زۇلمەتنى تارتقان ئاۋايلاپ.

ئىسسىق بىر تۇيغۇدا جۇغۇلدايمەن، ئاھ!

سەن يەنە ئۇ يولدا تۇرغاندەك شۇ تاپ.


قەغەزدەك نېپىز ھەم قۇرۇقتۇر ۋاقىت،

ئىشخانا ئەزمەكتە خىياللىرىمنى.

شىۋىرلاپ باقىمەن ئۆزۈمگە تەكرار،

ۋاز كېچىش ئىرادە، دېگەنلىرىڭنى.


سادامغا شېئىر ئوقۇپ بەرگىم كېلىدۇ،

كېلىنتون سۇخانىدىن چىقىدۇ ھەيۋەت.

ئامالسىز شىرەدىكى بىر قەۋەت چاڭنى،

سەن تۇتقان قولۇمدا سۈرتىمەن رەت-رەت.


مۈشۈكنىڭ تىرناقلىرى ئېسىمگە كېلىپ،

بىر قۇتا سىياھنى تۆكىمەن يەرگە.

ئانىلار خاتىرجەم، ئاتىلار رازى،

قىزىنى بەرسىلا ئوبدان بىر ئەرگە.


ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىكى قاپ-قارا قۇلۇپ،

شاراقلاپ ئېچىلار كېچىدەك گويا.

ئوت ياقسام ئوچاققا چاي قاينىتاي دەپ،

ئۆمۈرلۈك پىغانىم قاينايدۇ چايدا.


چېچىمنى چۇۋۇماي، يالاڭئاياغ پېتىم،

چېقىلغان ئەينەككە قارايمەن ئىللىق.

دېرىزە تۈۋىدە چېچەكلەر تىمتاس،

جان بالام ئات ئېتىپ ئوينىغان چىۋىق.


ھەيرانمەن ھېسلىرىمغا تۆكىدۇ ئارمان،

ئۇ بىلىپ قالغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى.

باغرىمدا بېلىقتەك پىلتىڭلاپ تۇرۇپ،

ئوقۇيدۇ سادىرنىڭ قوشاقلىرىنى.


پاختىنىڭ ئىچىدە بىر تال چوغ ساقلاپ،

كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش ئاسانمۇ ئەمەس.

قۇشلارنىڭ دەردىنى سۆزلىيەلمەيدۇ،

قۇرۇغان گۈل بىلەن لىق تولغان قەپەس.


ماشىنا چاقىدا چەكسىز رېئاللىق،

چانالغان يىلاندەك تولغاندى يوللار.

كېچىنىڭ تىنىقىنى يالمايدۇ يۇلتۇز،

ئاھ، يەنە مۇلايىم كىرىشتى قوللار.


بۇ يولدا تېرەك يوق، چىملار كۆرۈنمەس،

يىراقتا ۋىلىلدار كوچا چىرىغى.

ئۈچ ئېشەك ھارۋىسى ئۇزىدى لەرزان،

كېلىدۇ ئۇنىڭدىن سامان پۇرىقى.


ئۈلگۈرەلمىدىم

چىمەنگۈل ئاۋۇت


يارىلانغان تۇلپاردەك كىشنەيدۇ كېچە،

باغرىڭدەك بىپايان كۆيەر تەبىئەت.

رېئاللىق ۋەسلىدىن كۆكلەيدۇ مېھرىم،

شۇ قەدەر گۈزەل ھەم شۇ قەدەر دەھشەت.

ھالاللىق ئىچىدە پارلايدۇ يۇلتۇز،

جېنىممۇ سەن ئۈچۈن بولماقتا پايخان.

قەدرىڭنى قەدرىمگە سىڭدۈرسەم سۇدەك،

مەڭگۈلۈك دەملەردىن يارالدى ئىمكان.

ئۇلۇغ بىر ئىستەكتەك سۈزۈكتۇر تاملار،

چېھرىمدەك تاڭ ئاتتى ئاماندۇر ھەممە.

بىر گەپنى دېيىشكە ئۈلگۈرەلمىدىم،

شەھرىزات ھېكايىسىنى توختاتتى يەنە.