شائىر ئەكرەم سادىروف سادىرىي

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شائىر ئەكرەم سادىروف (سولدىن ئۈچىنچى) قەلەمداشلىرى بىلەن. 2019-يىلى، قازاقىستان.
شائىر ئەكرەم سادىروف (سولدىن ئۈچىنچى) قەلەمداشلىرى بىلەن. 2019-يىلى، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

ئەكرەم سادىروف 1940-يىلى 15-مارتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرى توپىدەڭ مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1957-1958-يىللىرى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان. 1958-يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى قورام يېزىسىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئورۇنلاشقان. ئەكرەم سادىروف 1960-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدىكى كىروف نامىدىكى مەكەپنىڭ 10-سىنىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە 1969-يىلى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا-ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى سىرتتىن ئوقۇپ تاماملىغان.

ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەيتلىرىدە باشلىنىپ، دەسلەپكى شېئىرلىرى 1958-يىلدىن تارتىپ گېزىت-ژۇرناللاردا يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان.

ئەدىبنىڭ ئايرىم ئەسەرلىرى بىر نەچچە ئومۇمىي توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ «چوپان بولىمەن»، «تەبەسسۇم»، «تۆمۈر قاناتلار»، «قۇشلار ئۇچۇپ كەلمەكتە»، «شېرىن دەملەر»، «ئاق قۇشلار ناخشىسى»، «ئۆمۈر ئۆتەر»، «ئوينا، ئوينا، ئويلا»، «سۈزۈك بۇلاق» قاتارلىق توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

ئەكرەم سادىروف ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن تاشقىرى يەنە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. قورام يېزىسىنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان «قولۇمدىن كەلگىنى شۇ. . .»، «بىر تىزىقتىكى ماجانلار» ناملىق كىتابلىرى، شۇنداقلا ھەر خىل مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

ئۇ جامائەتنىڭ ئىشلىرىدىنمۇ سىرتتا قالماي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئىشلىرىغىمۇ يېقىندىن ئارىلاشقان. ئۇ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ پەخرىي پۇقراسىدۇر.

شائىر نىداسى

شائىر ئەكرەم سادىروف (سادىرىي)

(باللادا)

بايسېيىت يېزىسىغا شائىر سېيىت مۇھەممەت قاشىنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى. «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى، 1994-يىلى، دېكابىر.

ئېھ، چېلەك ئەجدادلار ماكان تۇتقان يەر،

ئەقىدە مېھرىدىن تۆكۈپ ئالتۇن تەر.

تاشلىقنى گۈل قىلىپ ئاۋات يۇرت قۇرۇپ،

تىنمىغان مەرد جانلار سانسىز شامشەھەر.

شۇ چېلەك دەرياسى بويىدا بايسېيىت،

قوينىدا توي-بايرام بولۇپ تۇرار ھېيت.

ئەۋلادلار پەرزىدىن روھى سۈيۈنۈپ،

قوينىدا ياتىدۇ دانالار جىم-جىت.

قەبىرلەر ئالدىدا سولغۇن تۇرىمەن،

قاشىنى خىيالەن روشەن كۆرىمەن.

كۆپ يىللار يادلانماي قالغان غەزەلخان،

دەيمەن-دە بىر ھازا سۆھبەت قۇرىمەن.

ئۇ تۇرار ئالدىمدا كىيىپ چەكمىنىن،

دەر گويا ئەي ئەۋلاد، نە ھاللار چەكتىڭ.

يېتەلمەي ئارمانغا يېتىم بوتىدەك،

كۆچلەرگە قېتىلىپ، سۇ، ئوتلار كەچتىڭ.

ھە، بۈگۈن تاپقاندەك بىر پارچە ئامەت،

كۆردۈڭ مەن كۆرمىگەن ئەجەب كارامەت.

شۇ سەۋەب سەن مېنى يوقلاپ كەلگەنسەن،

بىر ئەسىر ئۆتكەندە تاپقاچقا پۇرسەت.

دېدىم راست غېنىمەت بۈگۈنكى پۇرسەت،

ئالدىڭغا كەلگەندىم سوراپ ئىجازەت.

سۆزلىگىن ئۇستازىم، تىڭشايمەن مانا،

بىئارام جۈرەككە ئېلىپ كۈچ-قۇۋەت.

ياڭرىدى شائىرنىڭ قەلبىدىن داستان،

مەزمۇنى مەن ئۈچۈن گويا بىر جاھان.

ئۇيغۇرلار يارىسى ساقايماي كەپتۇ،

تەختكە كەلسىمە نەچچە ئون خاقان.

تۇغۇلدۇم مەن قاشتا ياشلىقىم ئۆتكەن،

چىرايلىق قىزلارنى بويىدا كۈتكەن.

كۆيگەچكە خەلقىمنىڭ مېھرى ئوتىدا،

دىلىمدىن تەۋرىنىپ غەزەللەر پۈتكەن.

دەريادەك داۋالغۇپ ۋەتەندە ئۆستۈم،

ۋەتەن دەپ ياندىم مەن ھەم تولدى كۈچۈم.

جەڭ قىلىپ، غازات قىپ سادىرلار بىلەن،

يېڭىشتا چىققاندى دۈشمەندىن ئۆچۈم.

بولغاندى ئون يىلدەك ئىلى گۈل ئاۋات،

ئەل-يۇرتمۇ ياشىغانىدى باياشات.

قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ شائىر كۈي كۈيلەپ،

راسلانغان چاغ ئىدى قېقىشقا قانات.

بىراقتا كەلگەنىدى ئەجدەرھا ۋە شىر،

كۆكسىدە تىرماقچە بولمىغاچ مېھرى.

سودىغا سالغاندى تەقدىرىمىزنى،

نىھايەت تېچ كۈنىمىز بولغاندى ئېغىر.

خائىننىڭ قولىدا بىزنىڭ كۆكىمىز،

سېتىلىپ قالغاننى بىلمەي قاپتىمىز.

مانجۇرغا مەدھىيە قىلىپتۇ يۇرتى،

بېكارغا كېتىپتۇ تۆككەن قېنىمىز.

قىساسنى قالدۇرۇپ كۆچتى ئادەملەر،

يوقالدى بىر مەزگىل ئۇ شېرىن دەملەر.

ئەل بىلەن بولدۇم مۇن ئەشۇ كۆچ-كۆچتە،

پىيادە يول يۈردۈم دەسسەپ تىكەنلەر.

يوللاردا، چۆللەردە تاپان تېشىلدى،

ھەي، بالام، بەختىمىز تەتۈر ئېشىلدى.

ئات-ئۇلاق ئوزۇغى بارنىڭ غېمى يوق،

يوقسۇللار كۈن-تۈنلەر گىياھ چىشلىدى.

يۈرەكتىن چاك-چاك بوپ ئاققانىدى قان،

بېشىمىز مىڭ غەمدە تۈتەك يەر ئاسمان.

مۈرىدە يۈك ئېغىر دۈمبىلەر يېغىر،

نېمىنى كۆرمىدى دەيسەن چىقماس جان.

كېلىپ بىز بۇ ياققا يۇرت قۇردۇق باشقا،

ئوخشىتىپ چېلەكنىڭ دەرياسىن قاشقا.

دالانى كۆكەرتىپ بوستان قىلغىچە،

نە سەۋدا چۈشمىدى دەيسەن بۇ باشقا.

بۇ يۇرتقا يۆلەكداش بولغان شارغوجا،

تەر-تۆككەن مەرتلەرنى قىلغاندا ئولجا.

ئۇيغۇرنىڭ قولى گۈل ئەمەسمۇ ئوغلۇم،

زىمىننى ياشارتىپ چۆمدۈرگەن نۇرغا.

مەن شۇنداق يازغاندىم «شەرھى شېكەستە»،

دېگەندىم ئەۋلاتلار ساقلىسۇن ئەستە.

ئەجداتلار ئەجرىمۇ مەڭگۈ تەۋەررۈك،

ئۇ توزۇپ كەتكەندەك مامكاپ ئەمەستە.

ئەجەل كېپ ياتقاندىم ئاخىر تۇپراقتا،

نەچچە كۆچ يۆتكەلدى ئۇ ياق-بۇ ياققا.

ئەۋلادىم بىر كۈلسە، مىڭ قېتىم يىغلاپ،

ئۆتكىنىن بىلگەندىم بالام شۇ ۋاقتا.

مىڭ قېتىم چۆرگەلدى بەلكى بۇ ئالەم،

مىڭ قېتىم سەرگەردان بولدى بۇ ئادەم.

توپىنىڭ تېشىغا چىقماي قالغاندى،

بىز يۇتقان قايغۇ-دەرت ھەسرەتۇ-ئەلەم.

پەرۋانە كەبى سەن پىرقىراپ كەپسەن،

قەبرەڭنى زىيارەت قىلىمەن دەپسەن.

نەزەر سال يەر بىلەن يەكسەن بولغانغۇ،

جىگەرىم ئۇنى سەن نەدىن ئىزدەيسەن.

شۇڭلاشقا قەبرەم بۇ كەڭرى گۆرىستان،

قولۇڭدىن كەلسە گۈل قىلغىن گۈلستان.

شۇ چاغدا خۇش بولار پۈتكۈل ئەرۋاھلار،

ساداقەت بۇرچىنى ئۆتىسە ئىنسان.

سۆزىنى تۈگىتىپ شائىر شۈك بولدى،

بىر ھازا كۆڭلى تىت-تىت بوپ چۆكۈلدى.

ئەشۇ چاغ چۆمۈلۈپ ئالەمچە ئويغا،

قەلبىمگە پىغانلىق ھەسرەت قۇيۇلدى.

ئارام ئال، ئېھ شائىر سېيىت مۇھەممەت،

بىزگىمۇ بىر كۈنى كېپ قالار ئامەت.

ھەيكىلىڭ قويۇلار ئاۋرالغا چوقۇم،

باش ئېگىپ ئۆتۈشەر شۇندا ئادەمزات.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت