قازاقىستان ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، مەزكۇر رايونغا سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىن كۆچۈپ چىققان زور بىر تۈركۈم پېشقەدەم يازغۇچىلار تۇنجى بولۇپ يادىمىزدىن كېچىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ رايونىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ۋە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئەدىبلەر ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بۇيان ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بارلىقىمۇ رەت قىلىشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.
قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى، دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئەخمەتجان ھاشىرى كىم؟
تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرى 1938-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك رايونىغا قاراشلىق مالىۋاي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1956-يىلى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىكى پېداگوگىكىلىق تېخنىكومىنى تاماملاپ، ئاندىن ھازىرقى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشكەن. ئۇ 1961-1962-يىللىرى قازاق رادىيوسىدا دىكتور بولۇپ ئىشلەپ، ئاندىن 1962-1965-يىللىرى ئىبراي ئالتىنسارىن نامىدىكى پېداگوگىكا پەنلىرى ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇرىيەسىدە ئوقۇغان. 1970-ۋە 1982-يىللار ئارىلىقىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1982-يىلدىن باشلاپ ئۇ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئەدەبىي مەسلىھەتچى، ئاندىن يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ كاتىپى بولغان. ئەدىب 1991-يىلدىن باشلاپ «ئارزۇ» ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىسە، ئاخىرقى يىللاردا يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنى باشقۇرغان.
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ياشىغىنىم ياشىغان» (1965-يىل)، «كەچمەس كۆڭلۈم» (1969-يىل)، «سولماس گۈل» (1977-يىل)، «نۇر ئانا» (1988-يىل) پوۋېستلىرى، «يالغۇز يالپۇز» (1987-يىل) رومانى، «ئىدىقۇت» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابى 2003-يىلى نەشر قىلىنغان. 2013-يىلى بولسا ئۇنىڭ ئىككىنچى كىتابى «بارچۇق ئارتتېكىن» رومانى نەشر قىلىندى.
مۇئەللىپنىڭ «يالغۇز يالپۇز» رومانى رۇس، «ئىدىقۇت» رومانى رۇس، تۈرك ۋە ئەزەربەيجان تىللىرىدا يورۇق كۆردى، «يەرگە تۆكۈلگەن ياش» پوۋېستى بولسا، 1989-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بېسىلدى.
ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي دراماتۇرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان يازغۇچى. ئۇنىڭ «ئۆلمەس بولۇپ تۇغۇلغانلار»، «مۇقامچى»، «دېھقان»، «ئىدىقۇت»، «يالغۇز يالپۇز» سەھنە ئەسەرلىرى قازاقىستانلىق ۋە چەتئەللىك تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ شۇنداقلا رۇس يازغۇچىسى ئانتون چېخوفنىڭ «ئالۇچىلىق باغ»، ئىسپان شائىرى ۋە دراماتۇرگى گارسىئا لوركىنىڭ «قانلىق توي»، قازاق شائىر ۋە دراماتۇرگى قۇئاندىق شانغىتبايېفنىڭ «پاھ، يىگىتلەر!» ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن «ئىدىقۇت» ئەسىرى 2010-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ 3-خەلقئارا تىياتېرلار فېستىۋالىنىڭ ساھىبى ئاتالغان.
ئۇنىڭ «ئىدىقۇت» رومانى 2003-يىلى «ئىلھام» مۇكاپاتىغا، شۇ ناملىق سەھنە ئەسىرى 2012-يىلى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا «ئالاش» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەدىب «ھۆرمەت» ئوردېنى ۋە بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەن. 2015-يىلى يازغۇچى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئەربابى» دېگەن پەخرىي نامغا سازاۋەر بولغان.
نۇر ئانا
(پوۋېستىن پارچە)
نۇر ئانا ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشنى بىلمەيدىغان بەئەينى ئالتۇندىن سوقۇلغان، كەمتەر، سەۋىر-تاقەتلىك، يۇرت غېمىنى قىلىدىغان ئايال ئىدى. دەرەخلەرنىڭ سېرىق يوپۇرماقلىرى شىلدىرلاپ يەرگە چۈشۈپ، شامال بىلەن ھەر ياققا ئۇچقاندا، مەشكە ئوت قالاپ ئۆينى ئىسسىتالماي، كوچىلاردىكى قارلارنى سۈپىرىپ يۈرۈپ، ئوي-خىيالغا بېرىلەتتى. بۇ ئىرادىسى چىڭ ئايالنىڭ چاچلىرى بارا-بارا بېشىدىكى ئاق ياغلىقتىن ھېچ پەرىق قىلمايدىغان بولدى. لېكىن ئاپتاپ چىرايىدىن نۇر كەتمىگىنى بىلەن، قەلب شاتلىغىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ كۈل بولغان. بىراق ئۇ ئۈمىد بىلەن ھاياتنى قەدىرلەيدۇ. سۆز-دورىغا ئوخشاش، ئارتۇقى زەرەر كەلتۈرىدۇ دېگەندەك، ئانا كۆپ سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ تېرىكىش ئاچچىق ئەلەملىرى تۈگىمەيدۇ. ناچار ئادەملەرنى ئادەم، ئىنسان قاتارىغا قوشماتتى. ئانىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۇلار يۇرتنىڭ تومۇرىنى قىيغان قۇرتلار. ئۇلار نۇر ئانىنىڭ يۈرەك-ئۆپكىسىنىڭمۇ قۇرۇتتى. بىراق ئۇلار ئۇنىڭ نەپەسىنى بوغالمىدى، بوغسىمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. ئۇ تەنھا ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ ئۆمرىگە ئېچىنغان، ئۆكۈنگەن ئەمەس. شۇنىڭدەك كۆڭلىمۇ، چېھرىسىمۇ بىر قېتىممۇ ئېچىلغان ئەمەس. ئۇ يۇرتنىڭ زىلدەك يۈكىنى زىممىسىگە ئارتقان ئىنسان. ئۇ چاھارباغنى غازاڭ بولمايدىغان، باھارى قايتىپ كېلىدىغان، تىرىلىدىغان زۇمرەتتەك سۇلىرى يەنە ئاقىدىغان ئاۋات يۇرت بولىدۇ دەپ ھېس قىلىدۇ.
سەكسەن ياشلار قارىسىنى كۆرگەن ئېگىز بويلۇق، جۈدەڭ، ئەگمە قاش بۇ موماينىڭ قۇياش نۇرى چاھارباغنى تەكشى يورۇتقاندا، كىچىك دېرىزىلىرى كوچىغا قارىغان پاكار ۋە كونا ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ ئالىدىغان ئادىتى بار. «تاشقا يامغۇر ياغسا كۆكەرمەس» دەتتى ياقا يۇرتلاردا يۈرگەن كىشىلەر ئۇنى زاڭلىق قىلىپ. نۇر ئانا چاھارباغنىڭ تاشلىرىنى تېخىچە ساناپ بولمىسا كېرەك. نەدىن ساناپ تۈگەتسۇن، ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ تاش تۇرسا.
ئانا تاش سانىمىدى، يۇلتۇز سانىمىدى. ئۇ چاھارباققا كەلگەن ئىللىق يازنىڭ، يېقىملىق كۈزنىڭ، قەھرىتان قىشنىڭ قايسى كۈنى قانداق ئاتتى، ئەنە شۇلارنى يادىدا تۇتتى. ئۇ دەرەخ كۆكەرسە-يۇرت كۆكەردى، يەر كۆكەرسە-يۇرت كۆكەردى دەپ ياشاۋەردى. ئانا بۇ قەدىمىي يۇرتتا نېمىشقا ئۆزى يالغۇز ياشاۋاتىدۇ؟ بۇنى ئۆزىلا بىلىدۇ. سىر ساقلاش-تىل ئاستىغا چوغ ئېلىپ تۇرۇشتىنمۇ مۇشەقەتلىك دېگەندەك، ئانىنىڭ قەلبىدىكى سىر ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر. بىرلىرى ئۇنى: «ئەقلىدىن ئازغان ئايال، بولمىسا، تەنھادىن-تەنھا ئەسكى تاملارنى ساقلاپ يۈرەمدۇ دېسە، يەنە بىرلىرى: «ھە-ي، بەختسىز بېچارە» دەپ ئېغىر تىناتتى. . . ئەمما ئۇ شۇنداق دېگەنلەرگە: «توپىنى، تاشنى، سۇنى قەدىرلىمىگەن، سىلەر بەختسىز!» دەيتتى. . . ئۇ ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئالىقانلىرىنى ئېچىپ قارىدى ۋە ئۇنىڭدىكى تۈز ۋە قىيسىق، ئالمىشىپ، چىرمىشىپ كەتكەن سىزىقلارنى ئۆز ئۆمرىگە ئوخشاتتى ۋە تېرىسى نېپىز، ئىنچىكە سىزىقلار چىرمىغان ماڭلىيىغا قولىنى سايە قىلىپ، نۇرى روشەن كۆزلىرىنى يىراق-يىراققا تىكىپ قارىدى. ئۇنىڭ كۆزى ھەمىشە بايسېيىتقا، مالىۋايغا قادىلىپ، شۇ ياقلارغا كەتكەن يۇرتداشلىرىنى سېغىنىپ يىغلايتى. ئۇ ھەر كۈنى ئۆگزىگە ئۈچ قېتىم چىقىپ يولغا قارايدۇ، ئۇنىڭ ياشقا تولغان مېھرىبان كۆزلىرى يە مالىۋايدىن، يە بايسېيىتتىن چاھارباغ تەرەپكە قاراپ، يە ياياق، يە ئېشەككە، يە ئاتقا مىنىپ چىققان كىشىلەرنى كۆرمىگىلى نەۋاق. ئۇلار نېمىشقا كەلمەيدۇ؟ نېمىشقا شۇنداق؟. . بۇ يەردە يۈرىگىدە ئوتى بار كىشىلار ياشىغان ئىدىغۇ!» -دەپ ئەندىشە بىلەن بېئارام بولىدۇ. بىراق ئاھۇ-پەريادقا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. يۇرتداشلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ. «ھە، مەيلى، بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى يۈرىگىدە ئوتى بار چاھارباغلىقلار مېنى يوقلاپ كېلەر. مېنى سېغىنمىسا، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يېرىنىڭ توپىسىنى، سۈيىنى سېغىنىپ كېلەر»، دەپ يەنە ئۈمىدلىنىدۇ. . . . بىراق ئۇنىڭ كېچىلىرى، كۈندۈزلىرى چاھارباغنى يالغۇز ئارىلاپ يۈرگەندە ئارزۇ-خىياللارغا بېرىلىپ ھەسرەتلىنىپ يىغلىغان كۈنلىرىمۇ بولغان. بۇنداق چاغلاردا يۇرتداشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى ۋە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، ئوي-خىياللارغا چۆمەتتى.
0:00 / 0:00