ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر شائىرى گۈلنارە ئاۋۇتوۋا ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى

0:00 / 0:00

«دۇتار چېلىپ، تويدا كۈلۈپ،

يايرىساممۇ،

مۇقامىمدىن دۇر تۆكۈلۈپ،

سايرىساممۇ،

تەقدىر بولۇپ، خەپ، پۈتۈلۈپ،

قايرىساممۇ،

قارا بۇلۇت زەپ تۇتۇلۇپ،

ئېچىلمىدى.»

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئېچىنغان شائىرە گۈلنارە ئاۋۇتوۋا قەلەمگە ئالغان سانسىز مىسرالاردىن بىر قەترەدۇر، خالاس.

گۈلنارە ئاۋۇتوۋا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق دولاتا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1987-ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ، يەنى ھازىرقى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ رۇس-ئۇيغۇر بۆلۈمىنى تاماملىغان ۋە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا خىزمەتكە چۈشكەن.

ئۇ1994-يىلى «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي مىراسى» ناملىق ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى بولغان.

گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ ئىجادىي پائالىيىتى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىن باشلانغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھىيەلىك «ئىلى ۋادىسى»، «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىسى ئەرەب يېزىقىدىكى «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە، شۇنداقلا «پەرۋاز»، «ئارزۇ»، «ئىجادكار»، «ئۇيغۇر پېن» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.

1990-يىلى ئۇنىڭ «گۈلزارىم» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى يورۇق كۆرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يەنە «ئانىلار ئاۋازى»، «شېئىرىيەت گۈلزارى»، «قازاقىستان-مېنىڭ ۋەتىنىم» گە ئوخشاش توپلاملاردىن ئورۇن ئالغان.

گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ شېئىرلىرى رۇس تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇلار ئالمۇتا ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدىكى ئۈچ توملۇق «نېزاۋىسىمىي كازاخستان»، «مادوننى تۇرانا»،» قاتارلىق توپلام ۋە ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.

2012-يىلى باشقۇرتستاندا ئۆتكەن «خەلقئارا تۈركىي تىللىق پويېزىيە» مۇسابىقىسىدە شائىرەنىڭ قايرات باقبېرگېنوف تەرجىمىسىدىكى بىر قانچە شېئىرلىرى «مۇھەببەت لىرىكىسى» دەرىجىسى بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن.

ئۇ2015-يىلدىن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ۋە كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئېچىلمىدى

گۈلنارە ئاۋۇتوۋا

ئېچىلمىدى، مېنىڭ كۆڭلۈم

ئېچىلمىدى.

مۇڭلۇق باشقا پەلەكتىن نۇر

چېچىلمىدى.

باھار بولۇپ چېچەك گۈلۈم

ئېچىلمىدى.

ئېچىلمىدى مېنىڭ گۈلۈم

ئېچىلمىدى.

دۇتار چېلىپ، تويدا كۈلۈپ،

يايرىساممۇ،

مۇقامىمدىن دۇر تۆكۈلۈپ،

سايرىساممۇ،

تەقدىر بولۇپ، خەپ، پۈتۈلۈپ،

قايرىساممۇ،

قارا بۇلۇت زەپ تۇتۇلۇپ،

ئېچىلمىدى.

ئېچىلمىدى مېنىڭ كۈنۈم

ئېچىلمىدى.

ئەجدادلىرىم روھىغا مىڭ سۈيەنسەممۇ،

تارىخىدىن دەرىس ئېلىپ، ئۆگەنسەممۇ،

ئەۋلاتلىرىم مەغرۇرلۇقىن چۈشەنسەممۇ،

ئېچىلمىدى، مېنىڭ سىرىم

ئېچىلمىدى.

ئۆزگە دوستلار كۆزگە مېنى

ھېچ ئىلمىدى.

ھەسرىتىمدىن «قىزىپ قېنى»

ئېچىنمىدى.

شۇندىمۇ راست، قەددىم مېنىڭ

ئېگىلمىدى.

ئامما كۆڭلۈم مىسكىن ھېلى

ئېچىلمىدى.

ئۈمىد يۇلتۇزى

ئۈمىد يۇلتۇزى، ئۆچۈپ بارامسەن،

كۆكتە پارلىماي چۆكۈپ بارامسەن.

ساڭا تەلمۈرگەن قارا كۆزلەردىن،

قانلىق ياشلارنى تۆكۈپ بارامسەن؟

قارا تۈنلەردە گۈنسىز نۇر چېچىپ،

ئىشەنچ چىرىقى بولۇپ يانامسەن.

نىمجان جانلارغا كۈچىدىن كېتىپ،

يىقىلسا، يۆلەپ، ساقلاپ قالامسەن؟

ئۈمىد يۇلتۇزى، بولساڭمۇ غۇۋا،

بار بول، ئىلاھىم، كۈتكەن بەخىتتەك.

كۈرمىڭ قىسمەتكە ئۆزەڭسەن گۇۋاھ،

تالىشىپ، يەتمەس ئالتۇن تەختتەك!