شائىرە گۈلنارە ئاۋۇتوۋا: «مېنىڭ تۇنجى شېئىرىم تەبىئەت مەنزىرىسى ھەققىدە بولغان ئىدى»
2020.12.18
مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 80-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بىر تۈركۈم ياش شائىرلار، يازغۇچىلار كىرىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملىغان ياشلار بولدى. ئەنە شۇ مەكتەپلەردە قۇرۇلغان ئەدەبىيات ئۇيۇشمىلىرى ياش ئىجادكارلارنىڭ تالانتىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەم ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەر قانداق جايلاردا ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر بۆلۈملىرىنىڭ ئېچىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشىرلەرنىڭ، رادىيو-تېلېۋىزىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ ياش يازغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجاد قىلىشىغا كەڭ مۇمكىنچىلىكلەرنى ياراتتى. ئالمۇتا شەھىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدا بولدىكى، بۇ يەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان ئىدى. ئۇلار نەشىر قىلغان ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەردە زور قىزىقىش ھاسىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ياش يازغۇچىلارغا چوڭ ئۈلگە-ئىبرەت بولدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ياشلار ئىچىدىن پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ كەڭ تونۇلغان يازغۇچىلار، شائىرلار يېتىلىپ چىقتى. شۇلارنىڭ بىرى گۈلنارە ئاۋۇتوۋا ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدۇ.
ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ۋە كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش ئىنستىتۇتىدا چوڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى، شائىرە گۈلنارە ئاۋۇتوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان قىزىقىشىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىدىكى مەكتەپنىڭ 7-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەدەبىيات دەرىسىنى ئوقۇتىدىغان ئۇستازىمىزنىڭ ‹ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى› نى ئۇيۇشتۇرۇپ، شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى يازغۇسى كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىنى قوشۇشى مېنىڭ ئىجادىيەت، شېئىرىيەت دۇنياسىغا دەسلەپ قەدەم تاشلىشىمغا چوڭ سەۋەب بولدى. بىز بىر نەچچىمىز ئۆزىمىزنىڭ تۇنجى بالىلىق ئوي، كۆز قاراشلىرىمىزدىن يارىتىلغان شېئىر-ھېكايىلىرىمىزنى ئۇستازىمىزغا كۆرسەتتۇق. ئۇ بىزگە شېئىر توغرىسىدا، قاپىيە توغرىسىدا بىر ئاز چۈشەنچە بەردى. مېنىڭ تۇنجى شېئىرىم تەبىئەت مەنزىرىسى ھەققىدە بولغان ئىدى. يېزىمىزنىڭ قىش، باھار، ياز، كۈز پەسىللىرىدىكى گۈزەل كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزۈمچە تەسۋىرلەپ، شېئىر توقۇدۇم. ئەتراپىمدىكى تەبىئەتكە، ئۇنىڭ ھەر پەسىلدىكى ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت بىلەن ئالاھىدە زەڭ قويۇپ، قارايدىغان بولدۇم. بىز ئۇيۇشما ئەزالىرى ‹دەسلەپكى قەدەم› دېگەن تام گېزىتىنىمۇ چىقىرىشقا باشلىدۇق. ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئىجادىمىز ھەممىگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.»
گۈلنارە ئاۋۇتوۋاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىنى شۇ ۋاقىتلاردا «ئىلى ۋادىسى» دەپ ئاتىلىدىغان رايونلۇق گېزىتكە، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە تارقىلىدىغان «كوممۇنىزىم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتلىرىغا ئەۋەتكەن ئىكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «لېكىن ئۇلار بىردىنلا گېزىتتا بېسىلغىنى يوق. بولۇپمۇ ‹كوممۇنىزىم تۇغى› گېزىتىدىن شۇ چاغلاردا ئەدەبىيات بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان پېشقەدەم شائىر، مەرھۇم ساۋۇتجان ئاكا مەمەتقۇلوفتىن ماڭا خەت كەلدى. ئۇنىڭدا ‹مېنىڭ شېئىر ماھارىتىدىن خەۋىرىمنىڭ بارلىقى، لېكىن شېئىرلىرىمدا بەدىئىيلىكنىڭ يەتمەيدىغانلىقى› يېزىلغان ئىدى. مەن ‹شېئىردىكى بەدىئىيلىك› دېگەن سوئالنى ئەدەبىياتتىن دەرىس بېرىدىغان مۇئەللىمگە قويغان ئىدىم. ئۇ خېلى ئۇزاق چۈشەندۈردى، لېكىن مەن ئانچىلا چۈشىنەلمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن شېئىر توپلاملىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ناھايىتى دىققەت قويۇپ ئوقۇدۇم. شائىرلارنىڭ قانداق يازىدىغانلىقىنى ئۆز ئالدىمغا ئۆگىنىشكە باشلىدىم. پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا ماڭا خېلە نەرسىلەر چۈشۈنۈشلۈك بولغان ئىدى.»
گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ «مەڭگۈلۈك باھار»، «ئۆملۈك»، «قىش خۇشاللىقى»، «بىللە ياشىسۇن»، «مەن ۋە ئېرەن»، «قارىغوجا» ناملىق تۇنجا شېئىرلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
شائىرەنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھاياتتا كۆرگەن، ھېس قىلغان، ئۆزىگە ئالاھىدە تەسىر قىلغان، تەۋرەندۈرگەن، ھاياجانغا سالغان، ئويلاندۇرغان بىرەر ھادىسە ياكى ۋەقە بولسۇن، ئادەملەر، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا باغلىق ماۋزۇلاردا شېئىر يېزىپ كەلگەنىكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، شۇلاردىن بىرەر ماۋزۇنى ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك دەپ ھېسابلىمىغان. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىدە بىرەر مۇھىم مەسىلىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىدىغان ماۋزۇدا ئەسەر يارىتىش ئارزۇسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گۈلنارە ئاۋۇتوۋا باشقىمۇ يازغۇچىلار ئوخشاش بىر تەرەپتىن ئائىلە غېمىنى قىلسا، ئىككىنچى تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن، ئۈچىنچى تەرەپتىن ئىلمىي پائالىيەت بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بىر ئادەمنىڭ مۇنچىلىك كۆپ نەرسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى ئېغىرمۇ دېگەن سوئالغا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە، ئوڭاي ئەمەس. . . ئۇنىڭغا شارائىت، ۋاقىت ۋە چىدامچانلىق، ئىنتىزامچان بولۇش كېرەككەن. شۇڭا مەن ھازىر مۇمكىنچىلىكىمنىڭ بارىچە، شارائىت ۋە ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە، ئىجاد ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا تىرىشىپ يۈرىمەن. بىر ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، بۇ ئىشلار بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلساممۇ، بەزى ئوبيېكتىپ، سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرگە كۆرە، ئۆزەمنى پۈتۈنلەي ئىجادقا، تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلالمايۋاتىمەن.»
گۈلنارە ئاۋۇتوۋا يەنە ئۆزىنىڭ ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، ساۋۇت ئىسكەندەروف، دولقۇن ياسىن، خۇرشىدە ئىلاخۇنوۋا، پاتىگۈل سابىتوۋا، ماھمۇت ئابدۇراخمانوف، ئەخمەتجان ھاشىرى ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن شائىر-يازغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ياخشى تونۇش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن دەسلەپ قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ، شېئىرنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ئىنتىلغان چاغلىرىمدا ماڭا ئىجادى بىلەن مەكتەپ پروگراممىسىدا تونۇشتۇرۇلغان ۋە كۆپچىلىككە مەلۇم بولغان شائىرلارنىڭ ھەممىسى ئۇستاز بولدى، دېسەم، خاتالاشمايمەن. ئۇلارنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى، دەرىجىسىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۆزەمگە كېرىكىنى ئېلىپ، ئۇلاردىن ئۆگەندىم. مېنىڭچە بولسا ھەر بىر ئىجادكار شۇنداق قىلىشقا تېگىش. ئەلۋەتتە، تەپەككۈرى كەڭ ۋە چوڭقۇر شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتى ھەممە ئۈچۈن چوڭ مەكتەپ. شۇنداقلارنىڭ بىرى ساۋۇتجان مەمەتقۇلوفتۇر. ئۇ كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ ئۇستازى بولغىدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئەدىب.»
گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ ئەسەرلىرى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقاتلار قازاقىستانلىق ئالىملار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىلمىي ئەمگەكلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.